يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى 10-ماي سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە ھەر قانداق بىر تەرەپ ھاسىل قىلغان توختامغا خىلاپلىق قىلسا، قوراللىق كۈچىمىز جەزمەن قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر يېقىندا ھەر قايسى تەرەپلەر جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنىڭ يەمەنگە يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12-مايدىن باشلاپ يەمەندە بەش كۈن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.
3-ئاينىڭ 26-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىۋالغان يەمەننىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى تاپشۇرۇش ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قېچىپ بارغان يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ دۆلەتكە قايتىپ يېڭى باشتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلۇشقا قىستىدى. بىراق، بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھاۋا ھۇجۇمى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنى تىز پۈكتۈرەلمىدى. ئەكسىچە ئىككى تەرەپ توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved