جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
16- ئاپرېل نىگېرىيە ھەربىي تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە بورنو ئوبلاستىدا تۇتقۇن قىلىنغان 129 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 107 نەپىرىنىڭ قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلىقىنى، سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.
14- ئاپرېل كەچتە نىگېرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئوبلاستى چەبۇق ئوبلاست ئۇنىۋېرسىتېتى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 129 نەپەر ئوقۇغۇچى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئىككىنچى كۈنى مەزكۇر ئوبلاست باشلىقى شېدما شۇ يەردىكى تاراتقۇلارغا 14 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ۋەقەدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە باش مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئوروقسەيد باياناتتا مۇنداق دېدى، تۇتقۇن قىلىنغان 107 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 16- ئاپرېل كەچ ھەربىي تەرەپ غەلبىلىك ھالدا قۇتقۇزۇپ چىققان بولۇپ، بىر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان ئۇنسۇر قولغا ئېلىنغان، ھازىر ھەربىي تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يوقاپ كەتكەن سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئىزدىمەكتە.
مەنبەسى خەلق تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved