كىنو فىلىمى ‹‹ تاشپاقا نىنجا ›› تېخى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ، ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى . ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ تاشپاقا نىنجا ›› نىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى قويۇلۇش ۋاقتى 11-سىنتەبىر بولۇپ ، كىنونىڭ ئالەقە تورىدا ئېلان قىلغان سۈرىتىدىكى بىنا 11-سىنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدە ئۆرۈلگەن قوشماق بىنا بىلەن بەكمۇ ئوخشىشىدىكەن . نۇرغۇنلىغان تورداشلار كىنو ئىشلىگۈچى شىركەت پارامونت ئاۋىستىرالىيە شىركىتىنى كىشىلەرگە ئازاپلىق ئىشلارنى ئەسلەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن . پارامونت ئاۋىستىرالىيە شىركىتى بۇ سۈرەتنى تېزدىن ئۆچۈرۈپ ، كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە بۇ سۈرەتنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved