رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئەلبېشى پۇتىن:«ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا مەسلىسىدىكى مەيدانى ئۇكرائىنانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بولماستىن، ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا قۇرۇش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ»دېگەن. پۇتىن «دۇنياۋىي تەرتىپ»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن:«ئۇكرائىنا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رايونى مەسىلىسىگە قارىتا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىزنىڭ غەربتىكى شېركلىرىمىز، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئۇكرائىنانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولماستىن ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن. رۇسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىغا ھېچكىم ئىشىنىشنى خالىمايدۇ»دېگەن.
پۇتىننىڭ قارىشىچە، ھازىرقىدەك ئىقتىساد بىر گەۋدىلەشكەن مۇشۇنداق دەۋردە، ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، شۈبھىسىزكى ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق بازاردا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشەلەيدىكەن. گەرچە بۇ پەقەت بىر پەرەز بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاللىبۇرۇن غەربنىڭ «ئارامىنى بۇزغان».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved