تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ تېلېفوندا سۆزلەشتى


ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى .تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل مۇنداق دېدى :‹يېقىندا تۈركىيىدە كۆمۈر كان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى ،ۋەقەدىن كېيىن سىز ئەۋەتكەن ھال سوراش تېلېگراممىسىنى ناھايىتى تېزلا تاپشۇرۇپ ئالدىم ،تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىزگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ›.


تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل تۈركىيەدىكى كان پارتىلاش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ھەم جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولالمايدىغانلىقى ،شۇنداقلا ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمانيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : ‹ بۇ قېتىم تۈركىيىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان پارتىلاش ھادىسىسىدە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى ئېغىر بولدى ،مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرىمەن ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ،تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كان ھادىسىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،جۇڭگو تۈركىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، تۈركىيىگە ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىشنى خالايدۇ،مەن سىزنىڭ بۇ قېتىم كان پارتىلاش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كېلەلمەيدىغانلىقىڭىز ۋە ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىمەن ، ئىككى تەرەپكە قولاي ۋاقىتتا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ›.

شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى : ‹ كېلەر ھەپتە جۇڭگو تۈركىيىدىن ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باشتىن ئاخىرى ئومۇمىيلىق ۋە ئىستىراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ،مەن سىز بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ ،جۇڭگو تۈركىيەمۇ ناسىۋېتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن ›.


گۈل مۇنداق دېدى : ‹تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ،جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ ،جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ›.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
18-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek