جۇڭگو ئاخبارات تورى، 27-مارت تېلېگراممىسى: ب د ت تەشكىلاتىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيىتى، شۇنداقلا قايتا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياج داۋاملىق ئېشىپ، %80 نوپۇس ياردەمگە موھتاج بولغان. بۇ، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 26-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى.
‹‹پارچىلانغان تۇرمۇش›› ناملىق بۇ دوكلاتقا قارىغاندا، پەلەستىندىكى ئاۋام پۇقرانىڭ تۇرمۇشى، بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا ئەركىنلىكى داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچرىغان. 2014-يىلى غەززەدىكى 1 مىليون 800 مىڭ بىگۇناھ پۇقرا قوراللىق توقۇنۇشنىڭ رەھىمسىز سىنىقىغا دۇچ كېلىپ، 550 تىن كۆپ كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن كۆپ ئاۋام پۇقرا توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، غەززە رايونىدا 1967-يىلىدىن بۇيان ئاۋام پۇقرا ئەڭ كۆپ ئۆلگەن بىر يىل بولۇپ قالغان.
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئىشغالىيەتتە قالغان پەلەستىن زېمىنى مەسىلىسى بويىچە مەسئۇل خادىمى رامىش راجاسىڭھام مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 2014-يىلدىكى غەززە توقۇنۇشى نۇرغۇن ئاۋام پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنىلا ئەمەس، يەنە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە يەرلىكتىكى ئاممىغا ئېغىر ئىجتىمائىي، پىسخىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
راجاسىڭھام: بۇ غەززە رايونى ئالتە يىلدىن بۇيان بېشىدىن كەچۈرگەن 3-مەيدان ئۇرۇش. ئەگەر سىز يەتتە ياشقا كىرگەن بالا بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېقىن دوست-ئاداشلىرىڭىزنىڭ ئۇرۇشتا يارىلانغانلىقىنى ياكى ئۆلگەنلىكىنى، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىشلارنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىكى بومباردىمان غەززە ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق بومباردىمان ئىكەن.
دوكلاتقا قارىغاندا، بۇلتۇر ئىيۇل غەززەدىكى توقۇنۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى، بۇ رايوننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، سۇ كەمچىل، داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، توقۇنۇشتىن كېيىن غەززە رايونىغا كىرىپ-چىقىدىغان، شۇنداقلا پورتلاردىن ئۆتىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا، يەرلىك ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلار ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved