شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

تېڭشۈن تەنتەربىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 7:35 ئۆتكەندە جۇڭگۇ ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيۇن كوماندا بېيجىڭ كوماندىسى ئۈچىنچى كونترولنىڭ ئاخىرىدا 13 نۇمۇر ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئاخىرقى كونترولدا شىنجاڭ كوماندىسى تەرىپىدىن يامانغا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئاخىرىدا 109-108 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بۇلۇپ ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۋەتتى. مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى كونترولىدا ئىككى تەرەپ توپچىلىرى تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ مۇسابىقە ئوتتۇردا يېرىم سائەتكە يېقىن ۋاقىت توختاپ قالدى.

 

ئىككى كوماندا تارىختا 47 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. شىنجاڭ كوماندىسى 26 مەيدان ئۇتۇش 21 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن ئازراق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. ئالدىنقى مۇسابقە پەسلىدە ئۇمۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئومۇمىي نومۇردا 4-2 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچى بۇلۇپ قالغانىدى. شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەشقاۋۇل ئالماشتۇردى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى مەشقاۋۇل قايتىدىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولدى. سۈي ۋەنجۈننىڭ ئالدى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبىمۇ بېيجىڭ كوماندىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى رەقىبىمۇ بېيجىڭ كوماندىسى بۇلۇپ قالدى.

 

بۇ مەيدان مۇسابىقدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گاردىن قايتقان توپ ئېلىش نەتىجىسى 43-31 بۇلۇپ بېيجىڭ كوماندىسىدىن ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن ماربول 46 نومۇر ئالدى. 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. مورىس 19 نونۇر ئالدى. 7 قېتىم گاردى قايتقان توپ ئالدى. 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى. جۇ يەنشى 12 نومۇر ئالدى. سۈن يۆ 11 نومۇر ئالدى. 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. لى گېن 10 نومۇر ئالدى. جاڭ سوڭتاۋ 8 نومۇر ئالدى. 

شىنجاڭ كوماندىسىدىن بىلاچىر 43 نومۇر ئالدى. 15 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى. 3 قېتىم قارشى تەرەپكە قالپاق كەيگۈزدى. 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. جوۋچى 18 نومۇر ئالدى. 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. لىيۇ ۋېي 11 نومۇر ئالدى. 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. قىرانبېك 16 نومۇر ئالدى. شىرئەلىجان  نومۇر ئالدى. 

 

ئاخىرقى كونترول باشلىنىشى بىلەن جۇ يەنشى بىلەن بىلاچىر ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ ئارىلىقتا بەزى توپ مەستانىلىرى مەيدانغا قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىدى. رېپىر مۇسابىقىنى توختىتىپ سىن فىلىمىنى قايتا كۆردى.بىراق مۇشۇ سەۋەبلىك مۇسابىقە يېرىم سائەتكە يېقىن ۋاقىت توختاپ قالدى. مۇسابىقە داۋاملاشتى. رېپىر بېيجىڭ كوماندىسىغا تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپ دەپ چالدى.شىنجاڭ كوماندىسى تۆت قېتىم جازا توپ ئېتىش ۋە توپ باشلاش ھۇقۇقىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسى مۇشۇ پۇرسەتتە نومۇردا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ كەينىدىن يېتىۋالدى. نومۇر 86-85 بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلىششقا ئۈچ مىنۇت قالغاندا ئىككى تەرەپ 99-99 نومۇر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ماربول ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نومۇرنى 109-108 قىلىپ ئۆزگەرتتى. شىنجاڭ كوماندىسى بىر نومۇر پەرقى بىلەن ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گارغا ئاتقان توپى چۈشمىدى. بېيجىڭ ۋاقتىنچە توختاتتى. 9 سىكۇنت قالدى. ماربول خاتالىق سادىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە 109-108 بولۇپ شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خەتەرلىك ھالدا بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

 

شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: لىيۇ ۋېي. شىرئەلىجان. قىرانبەك. جوۋ چى. بىلاچىر.

بېيجىڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: ماربول . جى جې. جاڭ سوڭتاۋ. سۈن يۆ. ۋاڭ شىياۋخۇي. 

 

12-ئاينىڭ 5-كۈنى جۈمە كەچ شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بېيجىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدا 14 مەيدان غەلبە قىلغان لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
02-05-2016
     تاقا كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر تەرىپىدىن «كوللىكتىپ ۋاسكېتبول» بىلەن «شەخسىي تالانت» نىڭ رىقابىتى دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىشىمۇ...
02-05-2016
     2015-2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، AC مىلان كۇلۇبى 90 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بىر قانچە پۇتبولچىنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىرلەشمىدىكى ئورنىغا قارىغاندا، 90 مىليون ياۋرو بۇ تارىخى ئۇزۇن...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
Powered by Leglek