ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ نېيمارنى يۆتكەپ ئەكېلىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى ھەم شۇنداقلا ۋاكالەتچىسى نېيمارنىڭ مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇش ئىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېيمارنىڭ دادىسى بىرازىلىيە ESPN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا مۇنداق دېگەن. «نېيمارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بار، مەن ئۇنىڭ مادرىد كوماندىسىغا بېرىش-بارماسلىقىنى كونترول قىلسام بولمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىنى يارىتىۋاتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى، مەن ئۇنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرسام بولمايدۇ. ئۇ مېنىڭ خېرىدارىم ھەم شۇنداقلا مېنىڭ ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭ بەختىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشۇم كېرەك، ھەرگىزمۇ پۇل-مالنى ئەمەس».
نېيمارنىڭ باشقا كۇلۇبقا قېتىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار يوقلىقى سورالغاندا نېيمارنىڭ دادىسى «پەقەت يەنە بىر بارسېلونا كۇلۇبى بولغاندىلا بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ كەلگۈسى مۇشۇ يەردە، ئۇنىڭ يەنە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك توختامى بار، ئۇنىڭ بىردىنبىر تەكلىپىنى بارسېلونا كۇلۇبى رەت قىلىۋەتتى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا باھا چىقارغان، لېكىن ئۇ بارسېلونادا قىلىشنى ئويلايدۇ».
ئالتۇن توپ مۇكاپاتى توغرىلىق نېيمارنىڭ دادىسى «ئوغلۇمنىڭ مېسسى، رونالدو بىلەن رىقابەتلىشەلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، بىراق ئۇنىڭ باشقىلاردىن تېخىمۇ قالتىس پۇتبولچى بولۇشى ھاجەتسىز، ئۇ روبىنھونىڭ مەستانىسى، لېكىن ئۇ روبىنھودىنمۇ قالتىس بولۇشى ھاجەتسىز» دېدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved