ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا كېسەل كۆرسەتسە جازالىنامدۇ؟

      ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا كېسەل كۆرسەتسە جازالىنىشى مۇمكىن، 2015-يىلى دېكابىردا جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرىدىكى بىر ئايال قىزى ئارقىلىق كۈيئوغلىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا دوختۇرخانىدىن دورا ئالدۇرۇپ، 11 مىڭ 376 يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئاتچوت قىلدۇرغانلىقتىن، بۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ قىزى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جازالانغان. ئۇنداقتا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا دورا سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟ بۇ دېلودا دېيىلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بىز ئادەتتە دورىخانىلاردا سىيرىپ دورا سېتىۋالىدىغان كارتا شۇمۇ؟ شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالەت ئىدارىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى خۇڭلىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

كارتا سىيرىپ شەخسىي ھېساباتتىكى پۇلنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ

     لى خۇڭلىڭنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىقى دېلودىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى شەھەر ئاھالىسى ئادەتتە دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋالىدىغان ئادەتتىكى كارتا ئەمەس ئىكەن. بىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىمىز ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا شەخسىي ھېسابات ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا بىر تۇتاش پىلانلاش فوندىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدىكەن.

      شەخسىي ھېسابات  دۆلەت مەجبۇرىي قۇرغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەللىك خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن شەخسلەرنى ئىختىيارىي ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىر خىل مەخسۇس فوند تۈرى ئىكەن. ئۇنىڭدا دىرى بىلەن ئۆسۈم شەخسنىڭ ئىلىكىدە بولىدىكەن. ئۇنى ھېساباتقا يۆتكەشكە ۋە قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىكەن، ئادەتتە نەق پۇل ئېلىشقا بولمايدىكەن. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرسەتكەندە، دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋالغاندا، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا شەخسىي بىر قىسىم چىقىمىنى تۆلەپ ئىشلەتسە بولىدىكەن.

بىر تۇتاش غەملىنىدىغان فوند  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى دۇچ كەلگەن بەلگىلىك داۋالىنىش خېيىم-خەتىرىنى ھەل قىلىشتا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان فوندنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدىغان چىقىم ئىچىدىن ئايرىپ چىقارغان شەخسىي ھېساباتتىكى قالدۇق قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ بىر تۇتاش تاپشۇرۇلىدىغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىغان، بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش، ئالاھىدە كېسەل بىلەن ئامبۇلاتورىيىدە ياكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىغا مۇشۇ فوندتىن ئىشلىتىلىدىكەن. سىياسەت جەھەتتە، بىر تۇتاش غەملەنگەن فوند سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. مەلۇم بىر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندنى ئىشلىتىش سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدىكەن.

ئۆزىدىن باشقا ئادەم كارتا سىيرىپ داۋالانسا، يەتكۈزگەن زىيان چوڭ بولىدۇ

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت باراۋەت بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلار ئىشلەتسە، فوندنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىغا تەۋە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيلىكىنى يوقىتىدۇ.

     ھازىر نۇرغۇن دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىق تارىخى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى خاتىرىلىنىدۇ، ھەممىسى ئىزچىللىققا ئىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن داۋالاش ئاپپاراتى ئاغرىقنىڭ ئۇچۇرى، كېسەللىك تارىخى ئارخىپى، ئۆمۈرلۈك كېسەللىك تارىخىنى تۇرغۇزىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلار باشقىلارنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، كارتا ئىگىسىنىڭ نامىدا كېسەللىك ئۇچۇرى كۆپىيىدۇ-دە، كارتا ئىگىسىنىڭ داۋالىنىش ۋە كېيىنكى كېسەل كۆرسىتىشىدە ئاۋارىچىلىك كېلىپ چىقىدۇ.

   سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىغا چېتىلىدىغان پۇل 3000 يۈەندىن ئاشسىلا، جازا بېرىلىشى مۇمكىن

     «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» دا ئىسپات ماتېرىيالىنى ئويدۇرسا ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى سادىر قىلسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىيەت تارمىقى ئالداپ ئېلىۋېلىنغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلىپ، ئالداپ ئېلىۋېلىنغان پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن سوممىدا جەرىمانە قويسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا ئالداپ ئېلىۋېلىنغان سۇغۇرتا پۇلى قانچىلىك بولسا جازا بېرىلىدۇ؟

ئالداپ ئېلىۋالغان مال-مۈلۈكنىڭ سوممىسى 3000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولسا، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىمغا ئېلىش ۋە ئايرىم جەرىمانە قويۇش جازاسى؛ سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولسا ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋال بولسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ۋە جەرىمانە قويۇش جازاسى؛ سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشسا ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئەھۋال بولسا، 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش ۋە جەرىمانە قويۇش ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدىكەن. شەھەر ئاھالىسى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىنى بايقىسا، «4681732» گە تېلېفون بېرىپ ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek