جۇڭگو يېمەكلىك تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . يېقىندا ئامېرىكىلىق ئالىملار بىرىنچى قېتىم تارتىلغان ئالاھىدە دەرىجىلىك زەيتۇن مېيى تەركىبىدە زەيتۇن مېيى غىدىقلىغۇچى ئالدىھىد دېيىلىدىغان بىر خىل ماددا بارلىقىنى بايقىدى . بۇ ماددا راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدىكەن .ساغلام ھۈجەيرىلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن .
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە زەيتۇن مېيىدىكى غىدىقلىغۇچى ئالدىھىد راك ھۈجەيرىسىدىكى فېرمىنىتلىق ئېرىتكۈچى تەنچىلەرنى پارچىلايدىكەن .فېرمىنىتلىق .ئېرىتكۈچى تەنچە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا باراۋەر ئىكەن .مۇشۇ ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئاقسىل ماددىسىنى قۇيۇپ بېرىدىكەن .ئالىملار تەجرىبىخانىدا زەيتۇن مېيى غىدىقلىغۇچى ئالدىھىدنى راك ھۈجەيرىلىرى ئارىسىغا ئىشلەتكەندىن كېيىن راك ھۈجەيرىلىرى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلگەن .تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە فېرمىنىتلىق ئېرىتكۈچى تەنچە ھۈجەيرە ئىچىدە مۇستەقىل مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن .چۈنكى ئۇنىڭ زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن .ناۋادا فېرمىنىتلىق ئېرىتكۈچى تەنچىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پەردىنى بۇزۇۋەتكەندە ئىچىدىكى نەرسە ھۈجەيرە ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ كېتىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەيتۇن مېيى غىدىقلىغۇچى ئالدىھىد ساغلام ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن ،پەقەت نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكنى قىسقا ۋاقىت توختىتىپ قويىدىكەن .تەخمىنەن بىر كۈندىن كېيىن ساغلام ھۈجەيرىلەر قايتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكنى باشلايدىكەن .بۇ تەتقىقات دوكلاتى ئېلمېنېت ۋە ھۈجەيرە ئۆسمە ئىلمى ژۇرنىلى دا ئېلان قىلىنغان .
كېيىنكى قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتتا ئالىملار تەجرىبىخانا مۇھىتىدىن ئايرىلىپ زەيتۇن مېيى غىدىقلىغۇچى ئالدىھىدنىڭ جانلىقلار تېنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆسمىنى كىچىكلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved