تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (2): تىرويان ئۇرۇشى ئەپسانىمۇ ياكى تارىخمۇ؟

      تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (2): تىرويان ئۇرۇشى ئەپسانىمۇ ياكى تارىخمۇ؟

    قەدىمكى گىرېتسىيەلىك ئەما شائىر خومېروس چىلتار چالغاچ ‹‹خومېروس تارىخىي داستانلىرى››نى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

 تىرويان ئۇرۇشى

     خومېروسنىڭ (Homeros) ‹‹ئىلىيات›› ۋە ‹‹ئودىسا›› ناملىق تارىخىي داستانلىرى غەرب ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ داستانلاردا ۋاقتى 10 يىلغا سوزۇلغان تەڭداشسىز تىرويان ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. داستانلاردا مۇنداق بىر ھېكايە قىلىنغان: تىرويان شاھزادىسى پاررىس (parris) دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ھېروننى گىرېتسىيەدىن تىرويانغا ئەكېلىۋالغان. گىرېتسىيە پادىشاھى ئاگامېنمون ھېروننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تىرويانغا قوشۇن باشلاپ كەلگەن. كېيىن ئۇرۇش مەيدانىدا گىرېتسىيەنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ جەڭچىسى ئاركالۇس (Arkalus) پاررىسنىڭ ئاكىسى ھېكتورنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. پاررىس ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن گىرېتسىيەلىك باتۇر ئاركالۇسنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن گىرېتسىيەلىكلەر ‹‹ياغاچ ئات ھىيلىسى››نى قوللىنىپ تىرويانغا توشۇرۇن ھالدا كىرگەن ۋە ئاخىردا بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلغان. ئۇنداقتا،  بۇ ئۇرۇش راستمۇ ياكى يالغانمۇ، ئەپسانىمۇ ياكى تارىخمۇ؟

 تەڭداشسىز ئۇرۇش

        ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى تىرويان ئۇرۇشىنى تارىخىي پاكىت دەپ قاراپ كەلگەن ھەمدە ئۇرۇش مەيدانىنىڭ كىچىك ئاسىيانىڭ شەرق تەرىپىدىكى ھىسارىقنىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەن. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئىشتىن سىرتقى ئارخېئولوگ فىرانىك كارۋىت (Franik Carvit) گېرمانىيەلىك زەردار ھېنرىخ شېرمان (Heinrich Sherman) بىرلىكتە ھىسارىقتا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەدىمكى چېركاۋ ۋە بەزى ئېگىز ئىمارەتلەرنى بايقىغان. كېيىن شېرماننىڭ ياردەمچىسى ۋىليام دېپۇفېلد (William Depufeld) بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ئېگىز ئۆيلەرنى، يەنى بىر مۇنار ۋە بىر سېپىلنى بايقىغان. 60 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى كارىل بىرىگان (karl brigan)نىڭ يېتەكچىلىكىدە ھىسارىققا كەلگەن. بىرىگان تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تىروياننىڭ مەغلۇبىيىتىنى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزى پەيدا قىلمىغان، چۈنكى شەھەر سېپىلىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇلى بوشاپ قالغان، قالغان قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇ بۇزغۇنچىلىقنى ئادەملەر ئەمەس، بەلكى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئالىم تىرويان ئۇرۇشىنىڭ راست يۈز بەرگەنلىكىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىنكار قىلغان، ئۇلار ھەتتا خومېروسنىڭ تارىختا ئۆتكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، تىرويان ئۇرۇشىنىڭ راست-يالغانلىقى تارىخ سەھىپىسىدىكى مەڭگۈ يەشكىلى بولمايدىغان سىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

كىنو « تىرويان››نىڭ ئېلانى



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
18-01-2016
         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
Powered by Leglek