ئۆلگەندىمۇ گۆرىدە خاتىرجەم ياتالمىغان مەشھۇر شەخسلەر

         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2-ئايدا  ئارخېئولوگلار سۆڭەكنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭ دەل رىچاد  Ⅲ نىڭ ئىسكىلىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ يەرنىڭ جەسەت دەسلەپ كۆمۈلگەن جاي ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردى.

     ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر مەزكۇر پادىشاھنىڭ ئىسكىلىتىنى قەيەرگە كۆمۈش ھەققىدە توختىماي تالاش-تارتىش قىلىشتى.

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەندىن كېيىن گۆرىدىمۇ تىنچ ياتالمىغان داڭلىق شەخسلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ جەسىتى پارچىلىۋېتىلگەن، ئوغرىلانغان، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يىراقلارغا ئاپىرىۋېتىلگەن. ھەتتا ياغاچ ساندۇققا قاچىلىنىپ، ئورۇندۇق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇنداقتا، بىز بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن «ۋەكىل»لەرنى كۆرۈپ باقايلى.

بېتخوۋېن

      بېتخوۋېن 1827-يىلى، يەنى ۋاپات بولۇشتىن 25 يىل بۇرۇن يازغان بىر خېتىدە، سالامەتلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن جامائەتكە ئۆزىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چوقۇم ئاشكارىلاشنى ۋەسىيەت قىلغان. بېتخوۋېن ئۆلگەندىن كېيىن جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا ئۇنىڭ قان تومۇر مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىقتىن ئۆلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمما، شەخسىي دوختۇرى بېتخوۋېننىڭ بېشىنى كېسىۋالغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئىش 1863-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى قېزىلغاندا ئاندىن بايقالغان. بەلكىم شەخسىي دوختۇرى ئۇنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرغا قەدەر بېتخوۋېننىڭ قۇلىقىنى ھېچكىم تاپالمىغان، نۇرغۇن ئۇستىخان پارچىلىرى يەر يۈزىدە قېلىپ، 1990-يىلى بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ شەخسىي مۈلكى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنغان. 2005-يىلى ئالىملار DNA ئارقىلىق بۇ ئۇستىخان پارچىلىرىنىڭ بېتخوۋېننىڭ چېچى بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

       بايرون

      بۇ داڭلىق شائىر 1842-يىلى ھازىرقى گىرېتسىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دائىرىلىرى دەسلەپتە ئۇنىڭ جەسىتى ئافېنا شەھىرىدىكى پارسېنون قەدىمىي قەسىرىگە دەپنە قىلىنسا مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. ئەمما، بايروننىڭ چىرىشتىن ساقلايدىغان ماددا سۈركەلگەن جەسىتى ئاخىردا ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈلگەن. دوختۇر ئۇنىڭ مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە ۋە توغرا ئۈچىيىنى كېسىۋېلىپ، ئىسپىرتقا چىلاپ قويغاندىن كېيىن، تېرىسىنى قايتىدىن تىكىپ قويغان.

      بۇ رومانتىك سەرگەردان شائىرنىڭ جەسىتى لوندوندىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنماي، يۇرتىدىكى ئۆز جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. 1938-يىلى بۇ جەسەت بايروننىڭ ئەمەس دېگەن سۆزلەر تارقالغاندىن كېيىن، جەسەت قايتىدىن قېزىلىپ، بىر تارىخ ئالىمى، بىر دوختۇر ۋە نەچچە ئونلىغان چېركاۋ خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، بايروننىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن

    لىنكولىن

  ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى لىنكولىن 1865-يىلى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جەسىتى چىرىمايدىغان قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىللىنۇئىس شىتاتىدىكى بىر قەبرىگە قويۇلغان. 1976-يىلى پىرېزىدېنت سايلىمى كېچىسى بىر قانچە ئادەم لىنكولىننىڭ جەسىتىنى قېزىۋېلىپ، ساختا پۇل ياساش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان بىر ھەيكەلتىراشنى قويۇپ بەرسە جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلماقچى بولغان. ئەمما بۇ پىلان بىتىچىت قىلىنىپ، قەبرە لىنكولىن قەستكە ئۇچرىغان كۈنى ئۆزى قۇرغان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن بېتون بىلەن قاتۇرۇۋېتىلگەن. 1901-يىلى لىنكولىننىڭ جەسىتى قېزىۋېلىنىپ قايتىدىن دەپنە قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن نەق مەيدانغا كەلگەن بىر كىچىك بالىنىڭ ئېيتىشىچە، لىنكولىننىڭ جەسىتى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانىكەن.

  چارلىز چاپلىن

  1978-يىلى ئامېرىكىلىق بۇ كومېدىيە پېشۋاسىنىڭ جەسىتى كۆمۈلۈپ ئىككى ئاي بولمايلا، شىۋېيتسارىيەدىكى قەبرىسىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن. جەسەت ئوغرىلىرى چاپلىننىڭ ئايالىغا 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرسە جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بەش ھەپتە تەكشۈرۈپ، ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. ئۇلار چاپلىننىڭ قەبرىسىدىن 1600 مېتىر يىراقلىقتىكى يەردىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تېپىپ بەرگەن. كېيىن بۇ ئىككى گۇماندار قەبرە كولىغان دەپ ئەيىبلەنگەن. چاپلىننىڭ جەسىتى بولسا باشقا بېتون قەبرىگە دەپنە قىلىنغان.


ئېينشتېين

   ئېينشتېين 1955-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پاتولوگى خارۋېي ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرىپ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە، ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېلىۋالغان. كېيىن ئېينېشتېيننىڭ مېڭىسى 200 پارچىغا بۆلۈنۈپ، نۇرغۇن ئالىم، نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ بولغان نېرۋا يىلىم ماددا ھۈجەيرىسى ۋە نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن خېلىلا كەڭ مېڭە ياپراقچىسىنى تەتقىق قىلغان. 2011-يىلى ئېينشتېيننىڭ مېڭىسىنىڭ مىكروسكوپقا سېلىنغان 46 پارچە مېڭە ياپراقچىسى ئامېرىكا فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى بىر مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان.

  توماس پېين

 ئامېرىكىلىق بۇ داڭلىق يازغۇچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بەزى قاراشلىرى دىنىي جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا، جەسىتى قائىدە بويىچە دەپنە قىلىنمىغان. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامالسىز ئۇنىڭ جەسىتىنى نيۇ يوركتىكى شەخسىي دېھقانچىلىق مەيدانىغا دەپنە قىلغان. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇنى قاتتىق سۆككەن كوربېت تۇيۇقسىز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، پېيننىڭ جەسىتىنى ئەنگلىيەنىڭ لىۋىرپول شەھىرىگە ئاپىرىپ دىنىي قائىدە-يوسۇن بويىچە دەپنە قىلماقچى بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسنى ھېچكىم قوللىمىغان. كېيىن پېيننىڭ جەسىتى بىر ساندۇققا سېلىنىپ، بىر مەزگىل كىيىم تىكىش دۇكىنىدا ئورۇندۇق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئاخىرىدا بۇ ساندۇق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېتىلگەن. 1864-يىلى ئامېرىكىدىكى بىر نەپەر قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەشەببۇسچىسى مەندە پېيننىڭ بېشى ۋە قولى بار دەپ يۈرگەن بىر ئەنگلىيەلىك ئەمەلدارنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ، ھېلىقى ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ پېيننىڭ بېشى بىلەن قولىنى ئاللىقاچان سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇققان.

  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق پېيننىڭ مېڭسىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنى پېيننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆمۈپ قويغان. ئەمما، ئۇنىڭ باشقا ئەزالىرى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان.

     ئىمپېراتور ئالېكساندىر

  ئالېكساندىر ماكىدونىيەنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقلىرى بىلەن مەشھۇر. تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ مىسىردىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرىنىڭ مەلۇم يېرىگە كۆمۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئەمما، ئېنىق ئورنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى 32 ياشلىق ئالېكساندىر بابىلون ئۇرۇشىدا قازا قىلىپ، قەدىمكى مىسىردىكى مېمفىس شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان. شۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق بىنا قىلغان ئىسكەندەرىيە شەھىرىگە قايتا دەپنە قىلىنغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى باشقا بىر قەبرىستانلىققا يۆتكەلگەن. بۇ قەبرىستانلىققا ئىمپېراتور قەيسەر، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ 3-پادىشاھى كالىگۇلا ۋە قەيسەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ نەۋرىسى ئاۋگۇست قاتارلىقلار دەپنە قىلىنغانىدى. ئېيتىلىشىچە، ئاۋگۇست ئېڭىشىپ ئالېكساندىرنىڭ جەسىتىنى سۆيمەكچى بولۇپ، ئالېكساندىرنىڭ بۇرنىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەنىكەن.

 

    ناپالېئون

    1821-يىلى ئەنگلىيەگە تەۋە ساينت خېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان سابىق فىرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون جان ئۈزگەن. شۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. ناپالېئوننىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوختۇرى تەرىپىدىن كېسىۋېلىنغان مەلۇم ئەزاسى ۋە باشقا نەرسىلىرى 1916-يىلى لوندوندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. 1927-يىلى ناپالېئوننىڭ بۇ ئەزاسى نيۇ يوركتىكى فىرانسىيە مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكىلىق پاتولوگ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدىكى ساندۇقتا ئۇزاق يىل تۇرغان. بۇ ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغاندا ناپالېئوننىڭ بۇ ئەزاسىغا ئۇنىڭ قىزى ۋارىسلىق قىلغان.

 

    گالىلېي

  «غەيرىي ئەقىدە»دە چىڭ تۇرغان بۇ ئىتالىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى 1642-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دىنىي قائىدە-يوسۇن بويىچە دەپنە قىلىنمىغان. شۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالىملار ئۇنىڭ جەسىتىنى قېزىۋېلىپ، فىلورېنسادىكى بىر مەرمەر تاش قەبرىگە دەپنە قىلغان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى، جۈملىدىن بارماقلىرىنى، بىر دانە چىشىنى ۋە بىر تال ئومۇرتقا سۆڭىكىنى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاشقا ئەكەتكەن. ئۇنىڭ ئومۇرتقىسى كېيىن پادۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزېيىدا ساقلانغان. ئوتتۇرا بارمىقى مەلۇم بىر يىغىپ ساقلاش كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان. قالغان سۆڭەكلىرى يىتىپ كېتىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، فىلورېنسادىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق بازىرىدا سېتىلغان. ھازىر گالىلېينىڭ جەسىتى ھەقىقىي گالىلېي مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

 

   ئاپتورى: مۇ خۇا، گۈلباھار قۇربان تەرجىمىسى

مەنبەسى: تەرمىلەر ژۇرنىلى 2015-يىللىق 8-سان



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
13-01-2016
      تۈنۈگۈن، ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇشتۇمتۇت بىر خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاپ كەتتى. بۇ خەۋەر مەملىكىتىمىزدىكى شەنشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئەنگلىيەدە ئېلان قىلىنغان ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلگەن...
Powered by Leglek