چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە كەنتىدە يېقىندا ئۆيلەر ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە بىكارغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
ئىتالىيەدىكى سىتسىلىيە كەنتىنىڭ ئاھالىلىكلىرى 19 ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئازلاشقا باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر پاراخۇتلارغا ئولتۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1892-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە تەخمىنەن 1700 دىن ئارتۇق ئاھالىلىك نيۇيوركقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، كەنت ئىچى چۆلدەرەپ، نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر قۇرۇق قالغان.
كەنتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىھتىياجى بار كىشىلەرگە بىكارلىق تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلانلار چاپلانغان بولۇپ، بىكارلىق ئۆيلەرگە ئىگە بولماقچى بولغانلار چوقۇم بىر يىل ئىچىدە زىننەتلەش ئىشلىرىنى باشلاپ، تۆت يىل ئىچىدە تۈگىتىشى، زىننەتلەشكە كېتىدىغان راسخوتنى ئۆيگە ئىگە بولغۇچى ئۆزى چىقىرىشى لازىملىقى يېزىلغان . خەۋەر قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر 100 گە يېقىن ئۆي بىكارغا تارقىتىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved