كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس 2010-يىلى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئافغانىستاننى «تەرىپلەپ»: «ۋەيرانچىلىق ئىچىدە قالغان 13-ئەسىر دۆلىتى»، دېگەن. لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرى مەزگىلىدىكى ئافغانىستان ئەكسىچە ئىنتايىن زامانىۋىيلاشقان بىر دۆلەت ئىكەن.
تۆۋەندىكى رەسىملەر ئەينى چاغدىكى ئافغانىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇنى كۆرگەنلەر ئىشەنمەيلا قېلىشى مۇمكىن. 60-يىللىرى ھەر قېتىم ئافغانىستان مۇستەقىللىق كۈنى يېتىپ كەلگەندە، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئۇدا توققۇز كۈندە كابۇلنىڭ پۈتۈن شەھەر ئىچىدە كېچىسىمۇ ئىنتايىن كۆپ چىراق ياندۇرۇلۇپ، ھەممە جاي كۈندۈزدەك يوپيورۇق بولۇپ كېتەتتى. لېكىن ھازىر بۇ شەھەرنى قاراڭغۇلۇق بېسىۋالغان بولۇپ، ھەتتا كېچىسى ماشىنا بىلەن سىرتقا چىقسىمۇ كىشىلەرگە بىر خىل تېررورىزمنىڭ ھىدىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ، ئاساسى جەھەتتىن چىراق يورۇقى يوق. كوچىلارمۇ قۇپقۇرۇق، كېچىلىك بازار دېگەنلەرمۇ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved