ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ يېرىم يولدا ئۇخلاپ قالغان شوپۇر قاتتىق جازالاندى

                            


خېفېي شەھىرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك ئەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماشىنا ھەيدىگەن، يېرىم يولدا ئۇيقۇسى كېلىپ بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسما كۆۋرۈكتىكى باغلىما يولدا ئۇخلاپ قالغان. مۇخبىرنىڭ لۇياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بەرگەن ھەمدە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، 30 نەچچە ياشلىق ۋاڭ فامىلىلىك دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن. ئۇ تاماقتىن كېيىن ئىككى سائەت ئولتۇرساملا ئۇيقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە شۇاڭدۈن بازىرىدىن يولغا چىقىپ، كاڭياڭ يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئۈستىدە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭغان. يولدا ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگەن، ئۇ لىنچۈەن يولىدىكى كۆۋرۈك ئاستىدىكى باغلىما يولغا كەلگەندە، ئۇ پەقەت چىدىيالماي ماشىنىنى توختىتىپ رولغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغان.

  تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ۋاڭ فامىلىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. نەق مەيداندا ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ نەپەس ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 123.3 mg/100ml ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

   تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ لۇياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋاڭ فامىلىلىك يول بىخەتەرلىك قائىدە نىزامنامىسىدا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. سوراق قىلىش جەريانىدا، ۋاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قىلمىشىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ۋاڭ فامىلىلىككە تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، سەككىز ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان، شۇنداقلا 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.



خەتكۈچلەر:
27-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 2016-يىل «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا 30-ئاپرېل سائەت 0:00 دىن باشلاپ 2-ماي سائەت 24:00 گىچە كىچىك تىپ...
27-04-2016
     ھاراق كىشىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كۆڭلىنى ئازادە قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى،  ماشىنا سىرتلارغا چىقىشتىكى زۆرۈر قاتناش قورالى، ھەر ئىككىلىسى كىشىلەرنىڭ  تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نەرسە بولۇپ، ئىنسانلارغا خىزم...
27-04-2016
شوپۇرلار: 1. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بېزىندە تاقىمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. 2. شەھەر ئىچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بېزىندە تاقىمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. 3. ب...
27-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامبودژادا نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقان بىر ئاپتوموبىلنىڭ چاقى پارتلاپ كېتىپ، ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 64 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ...
27-04-2016
    تەيۋەندىكى <ئېلىكتىرون ۋاقىت گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى بىر ئايرودروم خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، دەرھال ئايرودرومغا توپا كول...
27-04-2016
     4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى:بۈگۈن كەچ سائەت يەتتىلەردە، لۇياڭ كۆۋرۈكى غەربىي يولىنى بويلاپ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر كۆك رەڭلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى لۇياڭ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە توساتتىنلا پىيادىلەر يولىدىن ئ...
27-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 8:00دە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دوڭجى ناھىيە بازىرىدىكى دەريا بويى ئەتراپىدا بىر ماشىنا كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ دەرياغا كىرىپ كەتكەن. ماشىنىدىكى ئەر  دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن شۇ يە...
26-04-2016
شەنشى ۋېينەنلىك بىر ئەر 24-ئاپرېل كەچتە دوستىنىڭ ئېتىنى مىنىپ يولدىن توغرىسىغا ئۆتىۋاتقاندا ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئېتى ئۆلۈپ، ئۆزى يارىلانغان. قاتناش تارماقلىرى ھازىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: بىخەت...
26-04-2016
   نۇر تورى تەرجىمىسى: 2016-يىلى 22-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا، ۋۇشى شەھىرىدە بىر كىچىك ماشىنا بىلەن بىر مىنىبۇس ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل سوقۇلۇپ، ئارقىدىنلا مىنىبۇسقا ئوت كېتىپ كۆيۈشكە باشلىدى. نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 22-ئاپرېل، كولۇمبىيە مېدېللېندا «ئاپتوموبىلسىز كۈن» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «يېشىل يول يۈرۈشى»گە ئىلھام بېرىلدى.
Powered by Leglek