كۆك رەڭلىك فورما كىيىپ، يىپەك ئەتلەس شارپا تاقىۋالغان ،چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان، گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرى يولغا چىقىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولدى.
ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش بۆلىكىنىڭ ئېلېكتىروۋۇز ئەترىتى 10-نويابىر تاراتقۇلارغا ھەر تەرەپتىن كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.خىزمەت فورمىسى كىيىۋالغان ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى .
ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرى مۇخبىرلارغا مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنى، كەسپىي بىلىملەر، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىلدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. تۆت ئايلىق مەخسۇس، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشتىن كېيىن، ئۇلار ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي يەتكەنىدى. ‹‹بىز شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرى، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز پۈتتى!›› دېدى ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىسى ۋۇ يىڭ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش بۆلىكىنىڭ ئېلېكتىروۋۇز ئەترىتى بۇ يىل 1-ئىيۇل قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ جەمئىي 52 ئادەم بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، مانجۇ، چاۋشيەن مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ ساننىڭ %35ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 23 ياش بولۇپ، ئاساسەن قىزلار ئىكەن.
تۇنجى تۈركۈمدىكى 46 نەپەر ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىسى قاتتىق تەربىيە ۋە كەسكىن تاللاشلاردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى 8000دىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، ئۇلار پات ئارىدا قاتناش باشلايدىغان ئېلېكتىروۋۇزدا يولۇچىلار ئۈچۈن ئەتراپلىق، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرىنىڭ خىزمەت فورمىسى كۆك رەڭنى ئاساس رەڭ قىلغان بولۇپ، ئېسىل، نەپىس بولۇشتەك خەلقئارالىق سالاپەتنى ھازىرلىغان، بۇنىڭغا يەنە ‹‹قىزىل، سېرىق، يېشىل››دىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك ئەتلەس شارپا ماسلاشتۇرۇلۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئۈچ يولنىڭ شىنجاڭدىن ئۆتىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان ھەم قىزغىنلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
شىنجاڭدا 16-نويابىر رەسمىي ئېلېكتىروۋۇز قاتنىشى باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا يولۇچىلار شىنجاڭ ئېلېكتىروۋۇز كۈتكۈچىلىرىنىڭ قىزغىن، سەمىمىي مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved