بىرىنچى، روھىي بېسىم، چاچ ئاسراش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، چاچ بۈدرە قىلىش قېتىم سانىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن خانىم- قىزلارنىڭ چېچى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئىككىنچى، كېسەلدىن كېيىن يۇقۇملۇق زۇكام تېگىش، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش، باش قىسمىنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق داۋلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چاچنى شالاڭلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما بۇ خىل چاچ چۈشۈش ۋاقىتلىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تۇغۇتتىن كېيىنكى 2 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بەدەندە ئانىلىق ھورمونىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تۈپەيلى چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ.
تۆتىنچى، يىل ئۆرۈلگەن مەزگىلدە خانىم- قىزلارنىڭ تېنىدىكى ھورمۇن ئازىيىپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە ئەرلىك ھورموننىڭ تەسىر كۆرسىتىشى تۈپەيلى كۆپ مىقداردا ماي شەكىللىنىپ چاچ تۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىپ يېڭى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئازايتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاچ چۈشۈپ شالاڭلاپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
بەشىنچى، چاچنى دائىم بوياۋەرسە چاچ قۇرغاق، ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ-دە، ئاسان ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
چېچى چۈشۈپ كەتكەن خانىم- قىزلار يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، ئوزۇقلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، زۆرۈر بولغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى؛ تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ ئاسراش ۋە چاچ يۇيۇش بويۇملىرىنى ئىشلىتىشى لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved