ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يەنە بىر قېتىم جازا يۈرگۈزدى

‏ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يەنە بىر قېتىم جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈردى. بۇنىڭغا رۇسىيەگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزۈشى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، ئەكسىچە 200 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.


ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازاسى رۇسىيەنىڭ يادرولۇق ئىقتىسادى ساھەسىگە تۇنجى قېتىم چېتىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، رۇسىيەگە يولغا قويغان ئەڭ قاتتىق ئىقتىسادى جازاسى. جازا تەدبىرىدە رۇسىيەنىڭ 4 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئىككى ئېنېرگىيە شىركىتى، ئىككى بانكىسى، 8 ھەربىي سانائەت كارخانىسى بار، بۇ رۇسىيە نېفىت شىركىتى بىلەن يېنىك تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى كاراشىنىكوف قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە جازالاش ۋاسىتىسىمۇ ۋىزا مەنئىي قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلغاندىن باشقا، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ سودا ئالاقىسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جازالاش جەھەتتە تۇنجى قېتىم ئىختىلاپ كۆرۈلدى. بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنى جازالاشتا ۋاقىت، دەرىجە ۋە دائىرە جەھەتتە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قوللانغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېھتىياتچان بولۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى كەسپىي خاراكتېرلىك جازالىشىغا ئەگىشىپ كەتمىدى.



‏16-ئىيۇل يېپىلغان ياۋروپا كېڭىشى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قارار چىقىرىلىپ، ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ رۇسىيەدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى يېڭىدىن يولغا قويۇشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى، ئەمما باشقا جازالاش تەدبىرلىرى جۈملىدىن ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رۇسىيەدە يېڭى كەسىپنى يولغا قويۇشى ۋە جازالاش قارا تىزىملىكى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.
رۇسىيە تاراتقۇلىرى بۇندىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: گېرمانىيە، فىرانسىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇردى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ خىزمەت ئىشلىدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاخىرىدا ماس قەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنى تازا خالاپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.


ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جازالاش قوش خەنجەر. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد سودا ئالاقىسى قويۇق . بۇمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ يادرو تارماقلىرىغا جازا قوللىنالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئامېرىكىنىڭ گەرچە رۇسىيە بىلەن بولغان سودىسى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن رۇسىيەدە خېلى چوڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى بار. ئالايلۇق: ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ شىركىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ نېفىت شىركىتىنىڭ 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەمكارلىق تۈرى بار.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە نەچچە قېتىم جازا يۈرگۈزدى، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ياخشىلانمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قارشىلىشىش داۋاملاشتى. يېڭى جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى خالتا كوچىغا باشلايدۇ، دېدى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى كۆپەيتىدۇ، دېدى.


ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىمى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە تەستە قولغا كەلگەن ھەرقانداق ئىجابىي ئىلگىرىلەشنى قەدىرلەپ، ئىختىلاپنى داۋاملىق سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىش. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى ئۇكرائىنادىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرا يولىغا چۈشۈشىگە پايدىسىز.



خەتكۈچلەر:
19-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek