يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن بۇ بىر يىلدا دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنىڭ قايسى يۆلىنىشتە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى بىردىنلا قىزىق نۇتقىغا ئايلاندى. يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىميىسى قاتارلىق ھەر چوڭ نوپۇزلۇق ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ 2016- يىللىق يەر شارى ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بولغان مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مۆلچەرلەر ئوتتۇرسىدا سەل پەرق بولسىمۇ، بىراق بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن قاراش شۇ بولدىكى، 2016- يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ، 2015- يىلدىكىدىن ياخشى بولىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان « 2016- يىللىق دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر » ناملىق دوكلاتقا قارىغاندا، پۈتكۈل يەر شارىدا مالىيە قىسلىق ئەھۋالى ئوميۈزلۈك ياخشىلانغان ۋە پۇل سىياسىتى داۋاملىق قويىۋتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيا ئىقتىسادى 2016- يىلى ۋە 2017- يىلى ئايرىم-ئايرىم %2.9 ۋە %3.2 ئاشىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2015- يىلى تۆۋەنلەپ، ئېشىش سۈرئىتى پەقەت %2.4 بولۇپ، يېرىم ئىلگىرىكى مۆلچەردىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەن بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved