قارا نوپۇسلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسقا كىرىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشىدۇ

     قارا نوپۇس مەسىلىسىنىڭ ساقلانغىنىغا ئۇزۇن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەتنى تۈزەشتىكى ئاجىز نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 14-يانۋار چىقارغان «نوپۇسى يوق كىشىلەرنى تىزىملاپ، نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى پىكىر»دە، نوپۇس تىزىملاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق ئالدىنقى شەرت قويۇشنى چەكلەپ، نوپۇسى يوق كىشىلەرنى تىزىملاپ، نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئېلىمىزدە 13 مىليونچە ئادەمنىڭ نوپۇسى يوق بولۇپ، «قارا نوپۇس» دەپ ئاتالغان. پىكىردە، نوپۇسى يوق كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇنداق نوپۇسقا ئېلىش لايىھەسى ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن نوپۇسى يوق كىشىلەر، پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغانلار، نىكاھسىز تۇغۇلغانلار «دوختۇرخانا تۇغۇلۇش ئىسپاتى» ۋە ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپنىڭ نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى ياكى نىكاھسىز تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ نوپۇسىنى تاللاپ، نوپۇسقا ئالدۇرسا بولىدۇ. دادىسىنىڭ نوپۇسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار يەنە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى دەلىللەش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

      «دوختۇرخانا تۇغۇلۇش ئىسپاتى»نى بېجىرمىگەن نوپۇسى يوق كىشىلەر «دوختۇرخانا تۇغۇلۇش ئىسپاتى»نى ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپنىڭ نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى ياكى نىكاھسىز تۇغۇلۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ، نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

      بۇندىن باشقا، پىكىردە يەنە بېقىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرمەي بېقىۋېلىنغان نوپۇسى يوق كىشىلەر، يېزىلاردىكى توي قىلىش سەۋەبىدىن تۇغۇلغان يۇرتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەر، نوپۇسىنى يۆتكەش گۇۋاھنامىسى يوقاپ كەتكەنلەر ياكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن نوپۇسسىز قالغانلار ھەم ئېلىمىز پۇقرالىرى بىلەن چەتئەللىكلەردىن نىكاھسىز تۇغۇلغان نوپۇسى يوق كىشىلەر ھەققىدە تەپسىلىي نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتى بەلگىلەندى. بۇ-ئومۇمەن نوپۇسى يوق كىشىلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ۋاقتىدا قانۇن بويىچە نوپۇسقا ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ كېۋېي مۇنداق دېدى: نوپۇسى يوق كىشىلەر نوپۇسقا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆز جايىدا مەكتەپكە كىرىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇلار مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا ئوقۇش تەۋەلىكى بېكىتىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
07-05-2016
    ئامېرىكا  Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:     1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
07-05-2016
    شاڭخەيدە تويى بولغان يىگىت جەي جياڭ بىلەن كېلىنچەك كاڭ شىتىڭ ۋەيما يولىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئەرمەك ھايۋان تېما قىلىنغان توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، تويغا تەبرىكلەپ كەلگەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرمەك ئىتلىرىنى چىرا...
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
Powered by Leglek