يەمەندىكى ئۇرۇش ئوتىدا قازا قىلغان، يارىلانغانلارنىڭ سانى 2000دىن ئاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاپرېل قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا يەمەننىڭ ئەل خۇدەيداھ شەھىرىدىكى بىر سۈت زاۋۇتىغا بومبا چۈشۈپ 37 ئادەم قازا قىلغان، 80 ئادەم يارىلانغان
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 8-ئاپرېل تېلېگراممىسى: ب د ت تورىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەندىكى توقۇنۇش بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان بولۇپ، مارتنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغا قەدەر 600 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان، 1700دىن كۆپ ئادەم يارىلانغان. ب د ت سىستېمىسىدىكى ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىغا بولغان ياردەم سالمىقىنى بىخەتەرلىك شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئاشۇرغان.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ 7-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، يەمەندىكى قوراللىق توقۇنۇشتا 19-مارتتىن بۇيان 74 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 560 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 1700 دىن كۆپ ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭدىن باشقا 44 بالا مەجرۇھ بولۇپ قالغان. بىراق، ئالدىنقى ھەپتە ئۇرۇش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكتىن قازا قىلغان، يارىلانغان بالىلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ب د ت بالىلار فوندىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى شۇكى، يەمەندە نۆۋەتتە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن بالا ئوقۇشسىز قالغان، دوختۇرخانىلارمۇ مەبلەغ يېتىشمەسلىك ۋە يارىدار زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن نورمال ئىشلىيەلمەي قالغان.
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 7-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، بۇ نازارەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئولتۇرغان بىر ئايروپىلان 6-ئاپرېل يەمەننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى سانائاغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ ھەپتە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلىغان يەنە ئىككى ئايروپىلان كېلىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە ئەترىتىمۇ دېڭىز يولى ئارقىلىق يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئادېنغا بېرىش ئۈچۈن جىبۇتتىن يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يېقىندا 12 توننا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىر كۈن ئىچىدە ئادېنغا يەتكۈزۈلۈپ، داۋالاش مەركىزى ۋە دوختۇرخانىلارغا تەقسىملەنگەن، يەنە توپىلاڭ مەركىزى ۋە غەربىي شىمالدىكى سادا ئۆلكىسىمۇ بىر قىسىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا ئېرىشكەن، سادانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھەجە ئۆلكىسىدىكى خانىۋەيران بولغان 300 نەچچە ئائىلىمۇ يېمەكلىك ياردىمىگە ئېرىشكەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەمەندە قاپسىلىپ قالغان ياكى يەمەنگە كېتىۋاتقان 159 نەپەر ئېفىئوپىيەلىك كۆچمەن جىبۇت ئارقىلىق يۇرتلىرىغا قايتقان.



خەتكۈچلەر:
09-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
22-05-2016
     چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرلەشمە خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بۇ يىل تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان ئىسسىق دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. تېمپىراتۇرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 51 سېلىتسىيە گىرادۇسقا...
22-05-2016
    ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى Nenzing بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا كېچىلىكىدە قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ب...
22-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر شۇ جاي ۋاقتى 19-چېسلا كېچىدە تامدىن ئارتىلىپ ئەنگىلىيە خان سارىيىغا كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككىنچى ۋە يولدىش...
22-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ھەپتىلىك ئاسىيا قىتئەسى سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ، ۋيېتنام ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.     خە...
22-05-2016
    تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى چىگرا رايونىدىكى كىلىس شەھىرىنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يەتمەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بۇ جايغا 130 مىڭچە سۇرىيەلىك مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىلىس شەھىرىنىڭ باشلىقى ھەسەن كارل...
22-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 22-ماي، بىرمىنىڭ نايپىيداۋ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاپىتى كېررېي بېرمىغا زىيارەتكە كېلىپ، بېرمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭسان سۇكىي بىلەن كۆرۈشتى.  
22-05-2016
    «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 14-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدە باشلاندى.     بۇ قېتىمقى كۆرگ...
22-05-2016
    كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى خەلق قوراللىق قىسمى كورىيەگە سۇنغان خىزمەت خاراكتىرلىك ئۇچرىشىش ئىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: چاۋشيەن ئالدى بىلەن يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىن...
22-05-2016
    جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى، پاكىستان ئاخبارات رادىئوسى ۋە دۆلەت مىراسلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو- پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن ئىس...
22-05-2016
   ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىكى فونىك شەھىرىدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ روي ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك مۇخبىرى ئالدىنقى ھەپتە سىرتتا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، توساتتىن قورسىقى ئاغرىپ كەتكەن، مانا مۇشۇنداق جىددى ئەھۋال ئاستىدا يېقى...
Powered by Leglek