شى جىنپىڭ ۋېيتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاپرېل ‹‹خەلق›› سارىيىدا ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا نگۇيەن پۇ تروڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىي ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاپرېل ‹‹خەلق›› سارىيىدا ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا رايون ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنىلار دوست ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش فاڭجېنى ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى شېرىكلەردىن بولۇش روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت، خىرسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى تەپەككۇر ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە بولغان تونۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.
جۇڭگو ۋېيتنامنىڭ 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ۋېيتنامنىڭ 2017-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. ۋېيتنام بىلەن خەلقئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.
نگۇيەن پۇ تروڭ مۇنداق دېدى: ۋېتينام جۇڭگو مۇناسىۋىتى 65 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى. ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى خۇ زىمىڭ، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان. بىزنىڭ ۋارسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ۋېيتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەلىرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە كونتىرول قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشقا قوشۇلدى.
سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن نگۇيەن پۇ تروڭ «2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ۋېيتنام كومپارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىق پىلانى»، شۇنداقلا پۇل-مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە، مەدەنىيەت، ئەدلىيە، باج ئىشلىرى، تىنچلىقنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە شاھىت بولدى.
سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن نگۇيەن پۇ تروڭ بىرلىكتە 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ۋېيتنام ياشلار دوستلۇق كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا نگۇيەن پۇ تروڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىي ئۆتكۈزدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ بىلەن نگۇيەن پۇ تروڭ بىرلىكتە ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. بۇ كۆرگەزمىدە 2003-يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو-ۋېيتنام پارتىيەلىرى ئۆتكۈزۈگەن 10 قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان، تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولغان نەزەرىيە نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۇي، ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشۋىقات-تەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
08-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek