دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 12 شىركەت

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە مېڭىش - تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ غايەت زور تەسىرى كۈچى بۈگۈنمۇ ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

 

شائىر ئارچېر «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ماقالە تەييارلىغۇچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى «سودا دۇنياسىنى غايىۋى دۆلەت ۋە ئۆزگىرىشچان دۇنيانىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى دەپ قاراش، شۇنداقلا يۇقىرى بايلىق قوزغىلىشىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى سۈپىتىدە خەۋەر قىلىش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئېيتقان ئاتالمىش مەلۇم كارخانا «دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن كۆز قاراش بىر خىل شوئارغا ئايلىنىپ قالاي دېدى. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ھەقىقەتەن مىكرو ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيا ئۆزگەرتمەكتە. مۇئەللىپ «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئۆمىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتكەن بىر قىسىم شىركەتلەرنى تىزىملاپ چىقتى.

 

1. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى


20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى تەڭدىشى يوق يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىدە، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى بەرپا قىلدى، ئاقما لىنىيىدە مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاشىنى 5 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈردى. T شەكىللىك ماشىنىلارنى ئەرزان باھا ئارقىلىق ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئاپتوموبىل دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى توختىماي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى T شەكىللىك ماشىنىلارنىڭ باھاسىنى 240 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، T شەكىللىك ماشىنىلار ناھايىتى مودا بولۇپ، ھەتتا ھېچقانداق ئېلان - تەشۋىقاتقا ئېھتىياج چۈشمىدى. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى چەتئەلدىكى 12 دۆلەتتە T شەكىللىك ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇنى تۇنجى دۇنياۋى ماشىنا تىپىغا ئايلاندۇردى. 111 يىل ئىلگىرى، ھىنرى فورد T شەكىللىك ماشىنىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۈگۈنگە كۈندە، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باشقۇرۇۋاتقان فورد ئاپتوموبىل شىركىتى يەنىلا دۇنيادىكى بەش چوڭ ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

 

2. ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى


گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ شەرقى ھىندىستان شىركىتى (East India Company)بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ شىركەت ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ، ئاسىيادا بار كۈچى بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سودىسىنى راۋاجلاندۇردى. لېكىن، 1600 - يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى (British East India Company) لا ھەقىقىي ئىمپېرىيە گىگانت ئادىمى. ئۇ ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، جۇڭگوغا قارىتا ئەپيۈن ئۇرۇشىنى قوزغىغان، يەنە دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى مۇستەقىل ئىگىلىگەن.


3. ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى


ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى(GE)ئۈچ چوڭ ساھەدە دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ئۇ ئەسلى شىركەت ئېدىسون ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توماس ئېدىسوننىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئېلېكتر كۈچى ۋە ئېلېكتر لامپىنى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئېلىپ كەلدى. يالغۇز مۇشۇ بىر تەرەپلا بۇ شىركەتنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىشىمىزغا سەۋەب بولالايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ئامېرىكىدىكى تۇنجى تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ناھايىتى ئىنچىكە بولغان باشقۇرغۇچى خادىملار تەرەققىيات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەزكۇر غايەت زور شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ دەسلىپىدىلا شەكىللەنگەن يېڭى ئىدىيە. بىر ئەسىردىن بۇيان، بۇ ئىدىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئىزچىل يېتەكلەپ كەلمەكتە.

 

4. گۇگىل شىركىتى


غەلىتە مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقىش، ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇش، دەۋرىيلىنىپ تۇرۇش بۇ گۇگىل شىركىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان مىزانى. ئۇلارنىڭ بۇرچى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى تەرتىپكە سېلىپ چىقىش. ئالاقە تورىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەي دەمسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يانچۇققا سالغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر ياساپ چىقىشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. ھەربىر كوچىنى رەسىمگە تارتىپ، كىشىلەرگە يىراق مەنزىللەردىن يول باشلاشنى قۇلايلاشتۇرۇشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. كۇتۇپخانىنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يۇمشاق دېتالغا كۆپ خىل تىل تەرجىمە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ يەنىلا گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بىز گۇگىلنى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت دەپ قارىساق بولىدۇ. مەسىلەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، قىستۇرۇلما كومپيۇتېر، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تېخنىكا قاتارلىقلار.

 

5. سۇۋەيش قانىلى شىركىتى


فېردىناد لەسپس (Ferdinand Marie Vicomte de Lesseps) نىڭ شىركەت كەسپى ھازىرقى زامان قانال قېزىش، سۇۋەيش قانىلىنىمۇ مىسىر ئەمگەكچىلىرى 1869 - يىلى قېزىپ چىققان. بىراق، بۇ ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئەمەس، مىلادىدىن ئىلگىرى فرئەۋىنمۇ بۇ خىل خىزمەتنى ئىشلىگەن. بۇ 102 كىلومېتىرلىق قانالنىڭ غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا لىنىيە بۆلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

 

6. ئالما شىركىتى


ئالما شىركىتى(Apple)مۇزىكا يۇمشاق دېتالى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قويغۇچ، شۇنداقلا ئىجادىي ئەقلى تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتتى. شۇنداقلا بۇ مەھسۇلاتلار قالتىس بولغان ئۆز ئارا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى بىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويدىكى: ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كىشىلەر سودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؛ گەرچە بىر تال يالتىراق مودېل بولسىمۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ لايىھىلەپ چىققىلى بولىدۇ؛ بىرلەر خانىسىدىكى بازار ھەجمى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ ساھەسىدە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؛ بىر ئادەم غايەت زور بىر شىركەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ؛ كۆڭۈل قويۇش كەڭلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ دانا تىجارەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى بىر شىركەتكە باغلىيالايدۇ؛ داڭلىق ماركا يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم؛ مەھسۇلات نامىنىڭ ئالدىغا «i» ھەرپىنى قوشۇپ قويۇشتەك بۇ خىل ئۇسۇلنى چەكسىز قېتىم قوللىنىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئەڭ ياخشى قىلىش ھامىنى ئەڭ باشتا قىلىشنى بېسىپ چۈشىدۇ.

 

7. بايېر گۇرۇھى


1932 - يىلى، گېرمانىيە بايېر گۇرۇھى(Bayer)نىڭ خىمىيە ئالىمى تۇنجى ئانتىبىئوتىك پرونتوزىلنى سىنتېزلاپ چىقتى. 10 نەچچە يىل كېيىن، ئاندىن پېنىتسىللىن بازاردا سېتىلىشقا باشلىدى. باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالىغان تۇنجى خىل خىمىيىلىك دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېنىتسىللىن ۋە كېيىنكى «يود ئامىن تۈرىدىكى» دورىلار داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ئاچتى. 1939 - يىلى، بايېر تەتقىقاتچىسى گېرھاد دوماك (Gerhard Johannes Paul Domagk) ئانتىبىئوكتىك تەتقىقاتى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 

8. سونى شىركىتى


20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە، سونى شىركىتى ئىنسانلارنىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قارشىنى ئاساسى جەھەتتىن يېڭى بىر مەنىگە ئىگە قىلدى. گەرچە سونى شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچنىڭ ئىجادچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن 1957 - يىلىدا، ئۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن بىر مەھسۇلاتنى چىقىرىپ، مودا مۇزىكا ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. سونى شىركىتى 20 - ئەسىرنىڭ 60، 70 - يىللىرىدا ئىشلەپ چىقارغان رەڭلىك تېلېۋىزور پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋەتتى. 1979 - يىلى، سونى چىقارغان ھەردەم تىڭشىغۇچ Walkman يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ مۇزىكا ئاڭلاش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ يەنە iPod نىڭ بارلىققا كېلىشىگە بېشارەت بەردى، شۈبھىسىزكى ئۇ ئەسلىدىلا سونى شىركىتىدە بارلىققا كېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، iPod پەيدا بولۇشى بىلەن سونى شىركىتىنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.


9. ئوتىس (OTIS) لىفت شىركىتى


1854 - يىلى، يۈزلىگەن كىشىلەر نىيويورك دۇنيا كۆرگەزمىسى مەركىزىدىكى پولات ۋە ئەينەكتىن ياسالغان خرۇستال كۆرگەزمە ئۆيىدە ئېلىسا ئوتىس (Elisha Otis) نىڭ خەتەرلىك نومۇرىنى كۆردى. ئۇ تۆت قەۋەت بىنا ئېگىزلىكىدىكى سۇپىدا، پەقەت بىر تال چىڭ تارتىلغان ئارقانغا تايىنىپ ئېسىلىپ تۇردى. ئارقانغا تايىنىپ بوشلۇقتا پىرقىرىدى، ئاندىن بىر تال قىلىچ بىلەن ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز قاتتىق قورقۇپ كەتتى، سۇپا تىترەشكە باشلىدى، لېكىن چۈشۈپ كەتمىدى. چۈنكى بىر گۇرۇپپا يوشۇرۇن پۇرژىنا پارچىسى خۇددى رىۋايەتلەردىكى مۇھاپىزەت رىشاتكىسىدەك چىشلەشكەن بولۇپ، مۆجىزىلەرچە ئوتىسنىڭ «بىخەتەر لىفتى» نى تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدىغان بۇ ئۇسۇلنى بارنام (P.T. Barnum) ئويلاپ تاپقان. بىر ئاي ئىچىدە، ئۇ ئوتىسنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ماھارەتنى كۈندە نەچچە قېتىم ئورۇنلاتقۇزدى. لېكىن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن بۇ كەشپىيات ئوتىسقا مەنسۇپ ئىدى. 1853 - يىلى، ئۇ نيو يورك يانكىرىستىكى بىر ۋەيران بولغان پۇرژىنىلىق قاتلىما كارىۋات زاۋۇتىدا ئوتىس لىفت شىركىتى (Otis Elevator Company) نى قۇرۇپ چىقتى.
بىخەتەر لىفت ئىمارەتلەرنىڭ قەۋەت سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى : نيو يوركتىكى 20 قەۋەتلىك مېھمانخانا (Flatiron Building) غا 1902 - يىلى ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ، 10 يىلدىن كېيىنكى 60 قەۋەتلىك ۋولۋورس مېھمانخانىسى، 1931 - يىلىدىكى 103 قەۋەتلىك ئىمپېرىيە مېھمانخانىسىغا ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلدى. كېيىن، پولات ئارغامچا تالا ئارغامچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئېلېكترونلۇق كۇنۇپكا ئادەم مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. لېكىن، بۈگۈنكى لىفتلارنىڭ 160 يىل بۇرۇنقى دۇنيا كۆرگەزمە يىغىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكەن لىفت بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ئارىلىقتا، ھازىرقى بىرلەشمە تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە ئوتىس لىفت شىركىتى يەنىلا ئۆزى ئاچقان لىفت كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 

 

11. ئاكا - ئۇكا رايتلار شىركىتى


ئاكا - ئۇكا رايتلار ئايروپىلان تەتقىق قىلغان ۋە ھەيدىگەن تۇنجى كىشى ئەمەس، لېكىن يېڭى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئاكا - ئۇكا رايتلار شىركىتى(.Wright Co)پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. (ئەمەلىيەتتە، بەزىلەر ئاكا - ئۇكا رايتلار شىركىتىنىڭ پاتېنت جېڭى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قارايدۇ.) لېكىن ئۇلارنىڭ 821393 - نومۇرلۇق پاتېنتى ئۈچ ئوقلۇق كونترول —— يۈرۈش - تۇرۇش، يانتۇلۇق دەرىجىسى، چەتنىگەن ھەرىكەتنىڭ كەشپىياتىغا ئالاقىدار مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان قىلىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى يەنىلا ئايروپىلان ياساشتىكى ئۆلچەم قىلىنماقتا.

 

 

12. ماك-دونالد


تېز تاماقخانا ماگناتى ماك-دونالد ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېمەكلىك پىششىقلاشنى بىر خىل تېخنىكىغا ئايلاندۇردى، بىزنى يېمەكلىكنىڭ بىردەكلىكىگە كۆندۈردى. (بۇ شىركەت قۇرغۇچىسى راي كروك (Ray Kroc) ئوتتۇرىغا قويغان «ھامبۇرگ بولكىسىنى ئاقما لىنىيىگە كۆچۈرۈش» قارىشىغا مەنسۇپ) ماك-دونالد (MCD -0.46%) دۇنياغا ئامېرىكىچە تائاملارغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ھامبۇرگ بولكىسى ۋە بەرەڭگە قەلەمچىسىنى تونۇشتۇردى. ھەركۈنى 120 دۆلەتتىكى 35مىڭدىن كۆپرەك تاماقخانا 70 مىليون خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، تېز تاماقخانا ساھەسىدىكى ئالىم داۋى ھوگىن مۇنداق دەيدۇ: «ھامبۇرگ بولكىسى بۇ دۇنيانىڭ سىمۋولى، ماك-دونالد بولسا بۇ خىل قاراشنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ۋە ئومۇملاشتۇرغۇچىسى.»

 

10. Facebook
ئون يىل بۇرۇن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇۋاتقان مارك زۇكۇربېرگ دۇنيانى بىر - بىرىگە باغلايدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى. ئون يىلدىن كېيىن، 1.3مىليارد ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى نىشانىغا كۈندىن كۈنگە يېقىنلاپ بارغان Facebook نى كۈندە بەشدىن ئۈچ ئىشلەتكۈچى زىيارەت قىلىدىغان بولدى. توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان شەخس يېڭىلانمىسى (نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى) Facebook «خەۋەر يوللاش» ئارقىلىق كىشىلەرنى تور بېكەت زىيارىتىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىغا باشلاپ كىردى. بۇنىڭدىن باشقا، Facebook يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن پايدىلاندى، بەت يۈزى ئۇلىنىشىلا ئەمەس، رەقەملىك ئۇچۇرلارنى تەشكىللەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى چىقاردى. بۇ جەرياندا، Facebook ئالاقە تورى داڭلىق ماركا تىجارىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، يۈكسەك قاراتمىلىق ئېلان بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەتكەن لوزۇنكىسىمان ئېلاننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ھالبۇكى بۇ 2013 - يىلى Facebook ئۈچۈن 7.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سېتىلىش مىقدارى ئېلىپ كەلدى. 30 ياشتىن ئەمدىلا ھالقىغان مارك زۇكۇربېرگ Facebook نى داۋاملىق باشقۇرماقتا، ئۇ سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىپ مائارىپ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە، ئۇ 2.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ، يېڭى جېرسېي شتاتى ۋە سان فرانسىسكو قولتۇق رايونىدىكى مەكتەپ ئىسلاھاتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى



خەتكۈچلەر:
13-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek