2014 -يىلى 12 - ئاينىڭ 17 -كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، بىر ئاتا ئككى ئوغلىنى قار ياققان ياكى يامغۇر ياققان شارائىتتا بولسۇن ، ھەر قانداق ناچار شارائىتتا ئوغۇلىرىنى مەكتەپكە ۋاقىتىدا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ .
ئۇ بولسىمۇ باللىرىنى تانكا بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش ئىكەن . ئېغىرلىقى 17 توننا كېلىدىغان بۇ تانكا ھەرقانداق شارائىتتا ئۇلارنى دەل ۋاقىتىدا مەكتەپكە ئاپىرىدىكەن . ھەربىي ئىشلار مەستانىسى Nick Mead نىڭ جەمئىي ئككى ملىيون قىمىتىدىكى 130 دانە قانۇنلۇق يولغا چىقسا بولىدىغان تانكىسى بار ئىكەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۆزلىرى ياقتۇرغان بىر تانكىنى تاللىسا دادىسى ئۇلار شۇ تانكا بىلەن ئاپىرىپ قويىدىكەن . شۇنداق قىلىپ ھەر قانداق ناچار ھاۋا رايىمۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىغا توسقۇنلىق قىلالمايدىكەن . Nick نىڭ بىلدۈرشىچە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەر قېتىم ئۇلارنى تانكا بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانلىقنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىكەن . ھەم ئۇمۇ مۇشۇنداق ھەيران قالغان مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved