چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 16-ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىران مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئىكەن. ئەنگلىيە دىپلوماتىيە باش ۋەزىرى خەيگنىڭ 17-ئىيۇن كەمدىن-كەم پوزىتسىيىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تاقىلىپ قالغان ئەنگلىيىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى ئېچىپ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان.
1979-يىلى ئىران ئىنقىلابى ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەي قالغان. ئىراننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئەخمەت نىجات ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىز ئۇرۇشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ تۇرغان.
ئەنگلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك مەسىلىسىمۇ ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. 2011-يىلى، ئەنگلىيىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىران خەلقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئىراندىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقىغان ھەمدە ئىران بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئۈزگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ئىشلىرى باش ۋەزىرى خەيگنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشىنى ئويلىشىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، يۇمشاق ئېقىمغا تەۋە بولغان ھەسەن روھانىي ئەخمەت نىجاتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىرانغا زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ جەنۋە يىغىندا ئىران بىلەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قانات يايدۇرغان. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە، ئۇ ئىمكانقەدەر تېز سۈرئەت بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان ئىران يادرو مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىپ، ياخشى بولغان ئىلگىرىلەشلەر بولغان شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلاشقا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلگىرىلەشلەر بولغان. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىراق مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئىكەن. ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدە، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، 35 يىل ئاۋۋالقى دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى تۈگىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ئۆتمۈشتىكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە نېمە ئۈچۈن ئىرانغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ليۇفېيتاۋ : «ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىرانقا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاساسى مەسىلە بولسا ئىراق ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىغانلىقى. ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي مەزھەپ تېررورچىلىرى شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراق مەسىلىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved