پىشاۋۇر ھەربىي مەكتەپتىكى قانلىق ۋەقەنىڭ بىر يىللىقى: 150 بىگۇناھ كىشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش

      بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 16- كۈنى، پاكىستان تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى پېشاۋار قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 150 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە 134 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. بىر يىلدىن بۇيان، 150 نەپەر گۇناھسىز ھاياتلىق پاكىستانغا قايسى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟      ۋاقىت ئاغرىق ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ، ئەمما پېشاۋار پاجىئەسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا نىسبەتەن، بىر يىل ۋاقىت بەك قىسقىلىق قىلىدۇ. ئافتابۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەربىي مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئۇنىڭ 16 ياشلىق ئوغلى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شۇ كۈندىكى ھەربىر دەقىقىنى ئۇنتۇشقا ئامالسىز، بىز 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنىنىڭ سايىسىدىن مېڭىپ چىقىشقا ئامالسىز، ھاياتلىق شۇ كۈنى ئاخىرلاشتى، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن ھېچقانداق ئۈمىد يوق، بىز ھەتتاكى بىزنىڭ باشقا بالىلىرىمىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈشنى ئويلىمىدۇق».

     ئافتابۇنىڭ خىزمەتدىشى شامۇس مۇنداق دېدى: «گەرچە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاراڭغۇلۇقنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قسىم يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۇ بۆلەك ئەسلىمىلەرنى ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.

     بۇ بىر مەيدان پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلىگە سالغان قانلىق ۋەقە، ئەمما تېررورلۇققا كۈرەشتە 55000 دىن ئارتۇق ھاياتلىق بەدەل تۆلىگەن پاكىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. ئالدى بىلەن، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلتۇر 6- ئايدىن باشلاپ، پاكىستان ئارمىيىسى غەربىي شىمالىي قىسىم شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلىلەر رايونىغا يوشۇرۇنغان يەرلىك ۋە چەتئەل قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قارىتا «ئۆتكۈر خەنجەر» ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، پاكىستان تالىبانلىرى ۋە تارماق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئەكسىچە پاكىستان تالىبانلىرى «ئۆتكۈر خەنجەر» ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسىتىدە پېشاۋار پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ ئۆتكۈر خەنجىرىنى پۇلاڭلىتىش ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئورگىنى ئالدىنقى ھەپتە «ئۆتكۈر خەنجەر» ھەرىكىتىنى يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، پاكىستان چىگرىسى ئىچىدىكى تېررورچىلارنىڭ «ئاساسلىق غول تورى» نى بىتچىت  قىلغانلىقىنى ئاكىتىپلىق بىلەن جاكارلىدى. ھازىرغا قەدەر، پاكىستان ئارمىيىسى 3400 نەپەر تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 837 ئورۇندىكى تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇنۇش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلدى. جەمئىي 488 نەپەر پاكىستان ئارمىيە، ساقچىسى مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەر جەريانىدا قۇربان بولدى. پاكىستان ھەربىي تەرەپ مەزكۇر ھەرىكەتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان چىگرىسى ئىچىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      ئىككىنچىدىن، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان چىگرا ئىچىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى 2014- يىلدىكى ھەر ئايلىقى 10 نەچچە قېتىمدىن بۇ يىلقى 1-2 قېتىمغا تۆۋەنلىگەن. پېشاۋار ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 2015- يىلى مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى 138 قېتىم، كۆپ قىسمى كىچىك كۆلەمدىكى قوراللىق ئېتىشىش جېڭى بولۇپ، 2014- يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 340 قېتىم سانى ئازىيىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 70 پىرسەنتكە يەتكەن. پاكىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ شەھىرى ۋە ئىقتىسادى مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەب دېڭىزى قىرغىقىغا جايلاشقان كاراچىغا يوشۇرۇنغان 30 نەچچە قارا گۇرۇھ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىدە، ئاز بولمىغانلىرىنىڭ پاكىستان تالىبانلىرى قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. كاراچى ساقچى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مىھسار مۇنداق دېدى: «ئۆتكۈر خەنجەر» ھەرىكىتى ئارقىلىق، كاراچىدىكى تالىبانلىشىش زور دەرىجىدە پەسەيدى، مەن ئىشەنچ بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، كاراچىدىكى تالىبانلىشىش 70 پىرسەنتىن 80 پىرسەنتكىچە پەسەيدى، قالدۇق كۈچلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققۇدەك ماجالى يوق ھەم بىر يىل ئاۋۋالقىدەك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالمايدۇ».

     ئۇنىڭدىن سىرت، پېشاۋار ھەربىي مەكتىپىدىكى قىرغىنچىلىق دېلوسىدىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار قاتتىق بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوت كوللىگىيەسىنى قۇرۇش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا چېتىشلىق گۇماندارلارنى تېز سۈرئەتتە سوتلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاشكارىلىشىچە، ھەربىي مەكتەپتىكى قىرغىنچىلىقنى پەيدا قىلىشقا قاتناشقان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 6 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنىپ بولغان. پاكىستان سىياسىي ئوبزورچىسى گول مۇنداق دېدى: «سىتاستىكا سان-سىفىرلىرىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇ يىلقى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە زوراۋانلىق جىنايەت ھەرىكەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايغان، خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۆكۈمەت ۋە پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سەمىمىي ھەمكارلاشسىلا، ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالايدۇ».

     پېشاۋار قانلىق ۋەقەسىنىڭ پاكىستان سىياسى دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىدا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بار. شېرىف ھۆكۈمىتى 2013- يىلى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، دەسلەپتە سۆزلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ تېنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغان، ئەمما قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سۈلھى تەرەپدارلىرىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، شۈك بولۇپ كەتكەن ھەم ھەربىي تەرەپنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىدىكى يېتەكچى ئورۇنغا چىقارغان. پاكىستان جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوت كوللىگىيەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شۇنداقلا ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادتا ئېلىپ بارغان 126 كۈنگە يەتكەن تىنچ ئولتۇرۇۋېلىپ كۈچ كۆرسىتىشى، خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۆكۈمەتنى ئاجىزلىققا قاراپ يۈزلەندۈرۈپ، ھەربىي تەرەپ تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرگەن. ھەربىي تەرەپ كېيىنكى قەدەمدە ئەدلىيە، ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يادرولۇق ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەتتاكى دۆلەت دېپلوماتىيە، بىخەتەرلىك سىياسىتى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

     ئومۇميۈزلۈك ھەربىيلىشىش خېيىم- خەتىرىدىن باشقا پاكىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېنىقسىز ئامىللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن پېشاۋار قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار تېز سۈرئەتتە تېررورىزىمنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك دۆلەت ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ھەربىي تەرەپنىڭ غەزەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندىن باشقا، ھەرىكەت پىلانىدىكى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاماملىنىدىغان قىسمىنىڭ ئىلىگىرىلەش سۈرئىتى ئەكسىچە ئاستا بولماقتا، مەسىلەن، دىنىي مەكتەپلەر ئىسلاھاتى، رادىكال ئىدىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار، 2009- يىلى قۇرۇلغان دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىمۇ توختاپ قېلىش ھالىتىدە تۇرماقتا.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek