جاھان ئاگېنتلىقى 25فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ب د ت باش كاتىپى بان كى مۇن ، ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ئىراق ب د ت كومىتىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دىپلومات جون كۇبىسنى تەيىنلىدى. ب د ت باش كاتىبى باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، كۇبىسنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ب د ت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى نىكولاي ملادىنوۋدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا كۇبىسنىڭ 2012-2014 يىللىرى ئارىسىدا ب د ت ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى، باياناتتا يەنە؛«كۇبىس ھەم ئۆز دۆلىتىدە ھەم خەلقئارا ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى، سىرىتقى بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىدىكى تەجرىبىسىنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈلدى.كۇبىس ۋەزىپىنى ئاپرېل ئېيى بېشىدا ئۆتكۈزىۋالىدۇ.
بىر قانچە يىللاردىن بېرى سىياسى مۇقىملىق كاپالەتكە ئېرىشمىگەن ئىراق خۇسۇسەن يېقىنقى مەزگىللەردە تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك تەھدىدلىرىگە دۇچ كەلمەكتە، دۆلەتتىكى پارچىلىنىش بارغانسىرى كۈچەيمەكتە، ب د ت نىڭ سىتاستىكىسغا ئاساسلانغاندا ئىراقتا 5 مىليۇندىن كۆپ كىشى ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتياجلىق ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved