iPhone 5e نىڭ ئۇچۇرى يەنە ئاشكارىلاندى: 4 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدۇ، باھاسى 3288 يۈەن بولىدۇ

ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا، 2-ئەۋلاد Apple Watch نىڭ بۇ يىل 3-ئايدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئۇنداقتا بۇ راستمۇ؟

چەتئەل تاراتقۇسى TechCrunch نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا ئېچىلىدىغان يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى يېڭى بىر ئەۋلاد Apple Watch بولماستىن، بەلكى يېڭى يانفون ۋە كومپيۇتېر مەھسۇلاتى بولىدىكەن.

   دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 3-ئايدا ئالما شىركىتى يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى ئېلان قىلىدىكەن، بۇ ئايفونغا تۆت دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان بولۇپ، iPhone 5S نىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدىكەن، 3-ئايدا يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد MacBook مۇ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

Apple Watch غا كەلسەك، ئۇ 2014-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 2015-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە ئاندىن كەڭ دائىرىدە سېتىلىشقا باشلىغان، ھالبۇكى، ئۇنىڭ 2-ئەۋلاد نۇسخىسى بولسا iPhone 7 دىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، 1-ۋە 2-ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ئارىلىقى 18 ئاي بولىدىكەن.

تۆت دىيۇملۇق ئايفون (خەۋەرلەردە بۇ يانفونغا iPhone 5e دەپ ئىسىم قويۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى iPhone 6c شۇ) غا كەلسەك، ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا بۇ يانفوننىڭ 4-ئايدا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىغانلىقى، A8 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، سەككىز مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلىنىدىغانلىقى، Touch ID ۋە Apple Pa قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدىغانلىقى، سېتىلىش باھاسىنىڭ 3288 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
Powered by Leglek