1. ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى دېگەن نېمە؟
ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى ― باكتېرىيە، مىكروبنىڭ ئېغىز ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىشى بىلەن، ئۈچەي يولىدا تېزلىكتە كۆپىيىپ ئادەمنى كېسەل قىلىدىغان ھەم باشقىلارغا يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى.
2. كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى قايسىلار؟
كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرىن جىگەر ياللۇغى، باكتېرىيەلىك تولغاق، كېزىك، خولېرا، باكتېرىيەلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار بار.
3. يازدا نېمە ئۈچۈن ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ؟
يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ئاسان كۆپىيىدۇ. يۇقىرى تېمپىېراتۇرا سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۇيقۇسى تەرتىپلىك بولمايدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، نەپەس يولىنىڭ كېسەل باكتېرىيەلىرىنى توسۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. يەنە چىۋىن، پاشا، سۈۋەرەكلەرنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، كېسەل باكتېرىيەلىرىنى ئاسان تارقىتىدۇ. شۇڭا يازدا ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4. ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر
1. گەندە، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، چىۋىن، سۈۋەرەك، چاشقان، پاشا قاتارلىقلارنى يوقىتىش، ئەخلەت ۋە پاسكىنا مۇھىتنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.
2. سۇ مەنبەسىنى قوغداش، بولۇپمۇ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. تاماقتىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇش، چىنە - تەخسە ۋە چوكىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش ھەم ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك.
4. سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك، يېرىم پىششىق، يېرىم خام يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ، ۋاقتىدا ئىسستىپ يېيىش كېرەك.
5. Aتىپلىق جىگەر ياللۇغى، خولېرا، كېزىك قاتارلىق ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا ئەملىتىش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved