توققۇز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغاندا، مېڭە ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. گەرچە بۇنداق دېيىش سەل ئاشۇرۋەتكەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بەك ئۇزۇن ئۇخلىۋەتكەندە ئادەمنى ئۇيقۇ بېسىپ، زېھنىنى بىر يەرگە يىغالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساغلام بولغان دائىرىدە ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىسىلا يېتەرلىك. بۇنداق بولغاندا، ئادەم ئازادە ۋە روھلۇق بولىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ھېرىپ قالغاندا، ۋاننىدا يۇيۇنۇش بىر تولىمۇ راھەت ئىش، بۇنداق بولغاندا مۇسكۇللارمۇ بوشىشىپ قالىدۇ. ئەمما ۋاننىدا يۇيۇنغاندا، سۇغا پۇراقلىق يۇيۇنۇش تۇزى، ماي دېگەندەك خىمىيلىك تەركىبلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرىۋەتكەندە جىنسىي يول كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سوپۇن ۋە پۇراقلىق ماددىلار قوشۇلغان ماددىلار ئادەم تېرىسىدىكى ئۆزىنى قوغداش مېيىنى بۇزۇپ، بىئاراملىقنى ياكى تېرىنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتقى جىنسىي ئەزانى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بولۇپمۇ ئاياللار بۇنداق مەسىلىلەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك.
كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈش خېلى يامان ئەمەس كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى، ئەمما ۋاقىتقا سەل دىققەت قىلىش كېرەك. بەك ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈپ، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇش، ئائىلە ئىشلىرىغا سەل قاراشتىن، ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئامال بار تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش شۇنداقلا قەرەللىك ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسىلەن ئېلان قويۇلغان ۋاقىتلاردا ئورنىدىن تۇرۇپ ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيان-بۇيان مېڭىپ قويۇش كېرەك.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆرۈش، ھەربىر دوستىڭىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئاختۇرۇش! بەزى دوستلىرىڭىزنىڭ يوللىغان مەزمۇنلىرى كۆڭلىڭىزنى بەكلا يېرىم قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بەكلا ھەسەت قىلىدىغان خوشنىڭىزنىڭ چەتئەللەردە ساياھەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقايسىز. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، facebook قا يوللانغان تېمىلار ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈرىدىكەن، چۈنكى بۇنداق تېمىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىن زارلىنىدىغان مەزمۇن ئىكەن.
2015-يىللىق تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەك ئۇزۇن ۋاقىت يۈگۈرمەسلىكى كېرەككەن. توختىماستىن يۈگۈرۈش، دەم ئېلىش ۋاقتى قىسقا بولۇش، يۈرەك دۈپۈلدەپ سوقۇش... 1098 نەپەر ساغلام بولغان يۈگۈرۈش ماھىرى ۋە 3950 نەپەر قەتئىي يۈگۈرمەيدىغان كىشىنى 12 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇنداق ئېغىر ھەرىكەتنى يۈرەككە زىيانلىق دەپ قارىدى.
توردا مال سېتىۋىلىش ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك نومۇس ۋە ئۆكۈنۈش ھېس قىلىپ قالىسىز، شۇنداقلا بىر قېسىم ئالسىمۇ ئالمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئۆيىڭىز قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر مال سېتىۋىلىشنى ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغان بىر ئۇسۇل دەپ قارايدىغان بولساق، بۇنداق قىلىش كەيپىياتىڭىزنى دائىم ناچارلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved