خەۋپسىزلىك كېڭىشى تاراتقۇلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا دىنىي ئاشقۇن تەشكىلات.《ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى 》نىڭ سومالى خەلقىنىڭ ئىناقلىق ، گۈللىنىش ، مۇقۇملىققا ئىنتىىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنتغا قارىتىلغان بىر يۈرۈش ھۇجۇملىرىغا بولغان غەزىپىنى بىلدۈردى . خەۋپسىزلىك كېڭىشى ، ھەرقانداق خاراكتېرلىك تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىككە بولغان ئەڭ چوڭ خەۋپ ئىكەنلىكىنى ، مەيلى ئۇنىڭ قەيەردە يۈز بېرىشى ، كىمنىڭ ئېلىپ بېرىشى ، قانداق مۇددىئادا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم جىنايەت بولۇپ شەكىللىنىدىغانلىقى ، ھېچكىمنىڭ جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 《بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى》گە ئاساسەن ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېرورلۇق ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بانكىمۇن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ ، سومالى پارلامنىتىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق تۈردە سومالى خەلقى ، ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنىتىنىڭ تىنىچلىق ۋە مۇقۇملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سومالى ساقچى تەرەپنىڭ 24-چېسىلا ئېيتىشىچە ، قۇراللىق كىشىلەر شۇ كۈنى پايتەخت مۇقدىشقا جايلاشقان پارلامېنت سىرتىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغان ، ئۇنىڭدىن كىيىن پارلامېنتقا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغاندا بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 4 نەپەر بىخەتەرلىك قىسمى ئەزاسى قازا قىلغان ، 5 نەپەر قۇراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ تاشلانغان، 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەن. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە 140 تىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ ، پارلامېنت ئەزالىرى تېز سۈرئەتتە تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، 2 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى يىنىك دەرىجىدە يارىلانغان. سومالى دىنىي ئاشقۇن تەشكىلات 《ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى 》بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved