ئىلمىي مەبلەغ سېلىش ۋە زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش «ئۆزتۈرك پروگراممىسى»
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىجارەت دەستۇرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «20 ياشتىكى تىجارەتچىلەر ئەمگىكىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ، 30 ياشتىكىلەر پۇل ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ، 40 تىن ئاشقاندا ئۈنۈملۈك ۋە ساغلام ئىجتىمائى ئالاقە تورى ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ».
ئىلمىي ئىجتىمائى ئالاقە تورى ۋە ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش كارخانىنىڭ مۇھىت قۇرۇلىشىدىكى ئەڭ ئاساسى مەزمۇن، شۇنداقلا ستراتېگىيلىك كارخانا باشقۇرۇشتىكى تۆت مۇھىم ھالىقىنىڭ بىرى. ئىجتىمائى ئالاقىنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنىش، ئۇنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىش كارخانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ، كارخانا تىجارىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىجتىمائى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىملىق «ئۆزتۈرك پروگراممىسى» 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرى سودا ۋە تىجارەتتىكى ئىجتىمائى ئالاقە ماھارىتى تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى، كارخانىچى ۋە تىجارەتچى دوستلارنىڭ پروگراممىمىزغا قاتنىشىنى قارشى ئالىمىز!
خەلقئارالىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆز رايونىمىز كارخانلىرىغا ئېلىپ كىرەيلى، كارخانلىرىمىز تەرەققىي قىلسۇن ۋە تېخىدىنمۇ يۈكسەلسۇن !
دەرس سۆزلىگۈچى مۇتەخەسسىس:
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىدىن مۇھەممەدجان ياسىن مۇئەللىم
ئەنگىليە بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتى سودا ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. دۇنيا بانكىسى ئويۇشتۇرغان 2013-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد تەرەققىيات يىغىنى ئىلمىي ماقالە تۈرى بويىچە خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك (ئالتۇن مېدال) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ۋاقتى : 2014-يىلى6-ئاينىڭ23-24-كۈنلىرى
ئورنى : ئۈرۈمچى شەھىرى تاشقى سودا بىناسى 3-قەۋەت شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سلېىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى
تىزىملىتىش نومۇرى : 8559632-0991 13899898941
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved