رىياسەتچى دىلنۇر بەكرى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

       7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئ‍ازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئ‍ۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تىللاردا ئ‍ېلىپ بېرىلغان نادىر رادىئ‍و-تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى باھالاش بويىچە دېكتور-رىياسەتچىلىك تۈرىدە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئ‍ىستانسىسى ئ‍ۇيغۇرچە ئ‍اخبارات ئ‍ۇنۋىرسال قانىلى بايقاش پىروگىراممىسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى دىلنۇر بەكرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئ‍ېرىشتى، بىز رىياسەتچى دىلنۇر بەكرىنىىڭ بۇ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىش، ئ‍ىپتىخارلىنىش بىلەن بىللە يەنە داۋاملىق تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز، ئ‍اخىرىدا دىلنۇر بەكرىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئ‍ائ‍ىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىمىز.

ئىسىم-فامىلىسى: دىلنۇر بەكرى

يۇرتى: قۇمۇل شەھىرى

ئېگىزلىكى: 168 سانتىمېتىر

ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرۇس

ئوقۇغان كەسپى: رادىئو-تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇقى

ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپ: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى

ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: قىزىل، قارا

خارەكتېرى: ئوچۇق-يورۇق، يۇمۇرستىك

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: پولۇ

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز

ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: دادىسى بىلەن ئاپىسى

قىزىقىشى: ساياھەت قىلىش

ھايات يىغىندىسى: قانائەتجان كىشى ھەرۋاقىت خۇشال-خۇرام ياشايدۇ.

دىلنۇر بەكرى ئىلگىرى قۇمۇل ۋېلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ داڭلىق دىكتور رىياسەتچىسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «روزى ھېيتلىق»، «قۇربان ھېيتلىق»، «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»، «ئۆكتەبىر بايرىمى»، «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن، ئۇ بۇ جەرياندا تىرىشىپ ئىشلەپ خىزمەتتە نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇمۇلدىكى ھەرمىللەر خەلقنىڭ بىردەك ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. 1998-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نادىر رادىئو تېلېۋىزىيە پروەراممىلىىنى باھالاشتا دېكتور-رىياسەتچىلىكتىن 2-دەرىجىگە، 2002-يىلى مەملىكەت بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2003-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نادىر رادىئو تېلېۋىزىيە پروەراممىلىىنى باھالاشتا دېكتور-رىياسەتچىلىكتىن 2-دەرىجىگە،2004-يىلى مەملىكەت بويىچە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 7-ئايدا ئۇنىڭ ئەسىرى مەملىكەتلىك نادىر تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شۇ يىلى يەنە 2005-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم شۇ يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «مەشرەپ» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

2007-يىلى گەنسۇغا بېرىپ مەركىزىي تېلېۋىيە ئىستانسىسى بىلەن گەنسۇ تېلېۋىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ساياھەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سەنئەت كېچىلىكىگە نەق مەيداندا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

2007-يىلى 11-ئايدا گۇاڭدۇڭ تېلېۋىيە ئىستانسىسىدا ئۈچ ئايلىق بىلىم ئاشۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشتى.

2009-يىلى 9-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ، كەسپىي جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھېرىش-چارچاشتىن قورۇقماي، يىراق يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ ئەمەلىيەتكە دېھقان-چارۋۇچىلار ئارىسىغا ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ تىرىشىپ ئىشلىدى، ئۇ بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدىكى جاپا تارتىشتىن قورۇقماي ئەجىر سىڭدۈرگەندىلا نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ھۇجدقا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2-قانال ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىنىڭ(مۇنبەت تۇپراق) (بايقاش) پىروگراممىلىرىنىڭ دېكتور-رىياسەتچىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كەلدى. ھازىر ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى «بايقاش» پروگراممىسىنىڭ دېكتور-رىياسەتچىلىك، ئاپتورلۇق ھەم مۇخبىرلىق ۋەزىپىلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ كەلمەكتە.

دىلنۇر بەكرى بۇ جەرياندا، يەنە ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، 2010-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى نۇرۇش بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى، 2011-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، 2012-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان روزى ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
05-05-2016
    رىگان، تولۇق ئىسمى Ronald Wilson Reagan، ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتىدىكى تامپىكو شەھىرىدىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوڭچىل سىياسىئون، ئىلگرى...
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
Powered by Leglek