مىسىر بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 27-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: مىسىر ئارمىيە تەرەپ شۇ كۈنى شىمالىي سىناي ئۆلكىسىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنۇۋالغان بىر قانچە ئورۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى بىر كاتتىبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 18 ئەسەبىي ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى. ئۇندىن باشقا 10 كىشىنى قولغا چۈشۈردى. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئارمىيە تەرەپ شىمالىي سىناي ئۆلكىسىنىڭ شىزۇۋىد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ كىچىك بازاردا ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلدى، كۆپلىگەن قورال-ياراق ئوق دورىلارنى ۋە پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئولجا ئالدى، ئىسپاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىرۇسالىمنى قوللىغۇچىلار تەشكىلاتىغا مەنسۇپ ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved