2-يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستانى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاتاقلىق دىنى ئۆلىماسى نىمورغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقى، ئىراندىكى شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازىنى قوزغىدى، چەتئەللەر، بىر ئۆلىمانىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ ئېغىر بولغان دىپلوماتىيە كىرىزىسىنى پەيدا قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئارقىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن، سۇدان ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى. نىمور زادى كىم؟، ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە قانداق دىنى، ئىرقىي، ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىللار يوشۇرۇنغان؟. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ؟.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. سۆزنى 2-يانۋاردىن باشلىساق، شۇ كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 47 مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى، بۇ مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گىراژدانى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىن بولغان ئاتاقلىق ئۆلىما نىمورمۇ بار.
نىمور زادى كىم؟. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن نىمور، 1959- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەتئىف ئۆلكىسىنىڭ ئاۋامىيا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىماسى ۋە ئۆكتىچى ئەربابى ئىكەن، ئۇنىڭ يۇرتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى. شىئە مەزھىپىدىكىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاز سانلىق گۇرۇھ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15 نى، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر %85 نى ئىگىلەيدۇ.
نىمور، 1980-يىللىرى ئىرانغا بېرىپ دىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇ يەردە 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت تۇرغان، ئارقىدىن يەنە سۇرىيەگە بېرىپ داۋاملىق ئوقۇغان. 1994-يىلى، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كەلگەن، شۇندىن كىيىن، نىمور سىياسىي ئىشلارغا كۆپ قاتناشقان ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاكىمىيتىنى تەنقىد قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان، بىراق ئۇ ھەددىدىن زىيادە كەسكىن نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان، تۈرمىگە قامىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان.
2014-يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى بىر جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى «دىنى مەزھەپلەرنى توقۇنۇشقا كۈشكۈرتۈپ مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى ھەمدە بۇ يىل 2-يانۋار ئىجرا قىلدى.
نىمورغا ئۆلۈمگە جازاسى ئىجرا قىلىش ئىراننىڭ ئالى مەنىۋى داھىيسى ھامىنىينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، 3-يانۋار، ھامىنىي سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يامان ئىشلارنى تۈگىتىپ ساۋابلىق ئىشلارنى تەشەببۇس قىلىدىغان، دىنغا ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىدىغان مۇنداق بىر ئۆلىماغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، زور گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك دەپ ھۇجۇم قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغۇچىلارنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىمورغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نامايىش قوزغىدى، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى، ئىراندا، نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن مەشخاددا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
2-يانۋار كەچتە، نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش شوئارلىرىنى توۋلىدى، بىز قىسىم كىشىلەر ئەلچىخانىغا كۆيدۈرگۈچى بومبا ئاتتى، بىر قانچە ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئەلچىخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئىشىك دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتتى ھەمدە بىناغا ئۆت قويدى. ئىران ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارقىدىن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىپ، نەخ مەيداننىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلدى، بىر قانچە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنى تۇتتى.
نىمور، ئىراننىڭ مەنپەئەتى ۋە دىنى ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى دەپ قارالغانلىقتىن ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئىراننىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئىران كوچىلىرىدا ئەلچىخانىغا قارىتىلغان مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى. شۇنداقلا بۇمۇ ئىراننىڭ ئالى داھىيسى ھامىنىينىڭ چاقىرىقى بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە مۇتەخەسسىس بولەن جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى ماشاۋلىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننىڭ مالىمانچىلىق قىلىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى» دەپ ھېسابلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 2-يانۋار مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نىمورنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا 46 كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم. ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇق قان بولۇشىنى ۋە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىراق، نىمورنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى يۈزەكىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە قاتمۇ-قات سەۋەبلەر بار.
ماشاۋلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنىڭ ئارقىغا كۆرۈنۈشىدە، ئىسلام دۇنياسىغا بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ھەمدە رايون زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى مەۋجۇت، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر چوڭ لاگېرى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر. ئىراننىڭ ئاساسلىق ئېقىمى شىئە مەزھىپى بولۇپ، 1979-يىلى ئىسلام ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلغانلىقتىن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە بىر قەدەر جىددىي بولۇپ كەلدى.
ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران كۆپ قېتىم تىركەشكەن ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. 1987-يىلى 7-ئايدا ئىرانلىق 275 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 402 ھەج تاۋاپ قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلدى. ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە كۇۋەيتنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇۋەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتلىرى قازا قىلدى.
1988-يىلى 4-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى فاخىد بىن ئابدۇل ئەزىز ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. 1991-يىلى 3-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ كەلدى. 2003-يىلى ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ سادام ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەسلىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئىراننىڭ تەسىر كۈچى ئىراقتىن تۈركىيە، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە بولۇپمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئاساس قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا بولغان گۇمانىنى پەيدا قىلدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن، ئىران غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتەك ياخشى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، ئىراننىڭ مول نېفىت بايلىقىمۇ خەلقئارا بازارغا كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۆۋەن باھالىق نېفىتى بىلەن رىقابەتلەشتى.
نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقى دەپ قارالماقتا، ئۇلار كۆپ دۆلەتلەر قوللايدىغان ۋە ياريۆلەكتە بولىدىغان ۋاكالەتچى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىراننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قوللىغۇچىلىرى سۇرىيە، ئىراق ۋە لىۋاندىكى شىئە مەزھىپىدىكى كۈچ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكىلەر پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىۋاتقان، سۇرىيە باشار ھاكىمىيىتى نىسبەتەن مۇقىملىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىراننىڭ تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانى كۆپ دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يەمەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىرانغا يېقىن بولغان يەمەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا زەربە بەردى.
شۇڭا، ماشاۋلىن مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ قېتىم ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى، كۆرۈنۈشتە دىنى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رايون رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۆرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4-يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، سۇدان، بەھرەينمۇ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە دولقۇنىغا يولۇقتى.
ماشاۋلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بەھرەيننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قوغدىماقتا، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەگىشىپ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. سۇدان ئۇزاقتىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدى، دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، شۇڭا ئۇ ئىران بىلەن ۋاقتىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پارس قولتۇقى رايونى ھەمكارلىق كومىتېتىدە ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىك ئۇرۇشىغا ماسلاشتى. بۇمۇ بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىشىش ھەرىكىتى.
ماشاۋلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇندىن كىيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ، ياكى ئەرەبلەردىن سىرت ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان ئالاھىدە مەنپەئەتىنى ئويلىشىش ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ياكى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئىراننىڭ دىپلوماتىك كىرىزىسى يەنە بىر قانچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى ياكى ئىرانغا قۇرال كۈچى ئىشلىتىپ رايون رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. بىراق ماشاۋلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: توقۇنۇش ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، چۈنكى مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستانى بولسۇن ياكى ئىران بولسۇن، ئۇرۇش تەننەرخىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەربىي كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا تايىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەمەندە قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسىر قاتارلىق باشقا ئەرەب ئەللىرىگە ياردەم بەرمەكتە، شۇڭا ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلالمايدۇ.
ئىراننى ئىلىپ ئېيتساق، گەرچە ئىراننىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، ئىران بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىرىمۇ، ئىران ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىران ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتسىيەسىنى قوللانماقتا. ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ توقۇنۇشى ۋە قارشىلىشىشى دىپلوماتىيە قاتلىمىدىلا توختاپ قالىدۇ. يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، كەلگۈسىدە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇشقا ئارىلىشىش نىسبىتى خىلىلا يۇقىرى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved