ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، مېترو قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن 29-ئاپرېل ۋە 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدىكەن.
مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، 29-ئاپرېل 22:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)دىن 30-ئاپرېل 22:00 گىچە يېكەنكۆل شىمالىي يولى، ۋاڭجيالياڭ 1-ئەترىتى رايونىدا؛ 29-ئاپرېل 22:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)دىن 30-ئاپرېل 22:00گىچە چوڭكۆل يولى، شامالباغ يولى، غالىبىيەت يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى، تىنچلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي يولى، جىنيىن يولى، بۇغدا يولى، ئالتۇن ساھىل يولى، ساغلاملىق يولى، جۇڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي يولى، مىڭخۇا كوچىسى ۋە فۇكاڭ كوچىسىدا سۇ توختايدىكەن، بەيگە مەيدانى يولى، باھار يولى، بەشيۇلتۇز يولى بويلىرىدا سۇ بېسىمى تۆۋەن بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھاۋارايى ياكى ئالاھىدە ئەھۋاللار سەۋەبىدىن سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلكاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر زاپاس سۇ تەييارلىۋېلىشى لازىم ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved