ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 24-ئاۋغۇست ئۆز تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ناتالنز ئوران قويۇلدۇرۇش بازىسى ئەتراپىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق. باياناتتا: ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنى توسۇۋالدى، ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى دېيىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ناتالنزدىكى يادرو ئەسلىھەسى بوشلۇقىغا سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن، راداردىن يوشۇرنۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. بۇ باياناتتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن كونكرېت ۋاقىت تىلغا ئېلىنمىغان.
يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى 24-ئاۋغۇست: ئالاقىدار خەۋەرلەرگە باھا بەرمەيمىز دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved