جېرراد دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى

ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جېرراد 21- ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناۋاتقىنىمغا 14 يىل بولدى، بۇ 14 يىلدا ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن بىللە 2000-، 2004- ۋە 2012- يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە؛ 2006-، 2010- ۋە 2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. ھازىر يېشىممۇ 34 كە بېرىپ قالدى، شۇڭا ياشلارغا ئورۇن بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ پۈتۈن كۈچۈمنى ‹لېۋىرپول› كوماندىسىغا قارىتىشنى قارار قىلدىم».
جېرراد 2000- يىلى ئېنگلاند كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇكرائىنا كوماندىسىنى ئۇتقان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشكەنىدى، كوستارىكا كوماندىسى بىلەن بولغان بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇنىڭ ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. بۇ 14 يىلدا ئۇ ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 114 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، خىلتون (125 مەيدان) ۋە بېكھام (115 مەيدان) دىن كېيىن 3- ئورۇندا تۇردى.
جېرراد ئېنگلاند كوماندىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، كىم كوماندا باشلىقى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جېرراد بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، رۇنى ئەڭ باب كېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ كوماندىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك، يەنە پەقەت رۇنىلا كوماندا ئەزالىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ».



خەتكۈچلەر:
25-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek