ئارسېنال VS مانچېستىر شەھىرى (مۇسابىقە كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ!)

       12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر دىيارىمىز ۋاقتى 2:00 دە، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىززىق نۇقتىلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قورال ياراق زاۋۇتى- ئارسېنال كوماندىسى خەلىپە پۇتبول مەيدانىدا ھىلال ئاي- مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئالدىنقى 16 ئايلانما مۇسابىقىدە ئارسېنال كوماندىسى 10 مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ ۋە ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان. ھازىر بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە ۋاقىتلىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى بولسا 10 مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.   ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچىرىشىش تارىخى: ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە تارىخىدا ئىككى كوماندا 36 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئارسېنال كوماندىسى 22 مەيدان يېڭىپ، سەككىز مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى نەتىجىسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. 61 توپ كىرگۈزۈپ، 31 توپ كەتكۈزۈپ قويغان. ئۆز مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان 18 مەيدان مۇسابىقىدە ئارسېنال كوماندىسى 11 قېتىم يېڭىپ، ئالتە قېتىم تەڭلىشىپ ۋە بىر قېتىم ئۇتتۇرغان. 28 توپ كىرگۈزۈپ، 10 توپ كەتكۈزۈپ قويغان. ئارسېنال كوماندىسىدىكى چىلىلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سانچېس بىلەن مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىدىكى ئاگۇيرو بۇ مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن. ئىككى توپچى يېقىندىن بۇيان يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقالمىغان. ھەر ئىككىلىسى ئۆز كوماندىسىنىڭ يادىرولۇق ماھىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرگە قارىغاندا، ئاگۇيرو ساقىيىپ مەشققە قاتناشقان. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋېنگىر سانچېسنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنداق بولغاندا بۇ مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ.

      بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە لىكېستىر شەھىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا كۈچلۈك ئېۋېرتون كوماندىسىنى 3 : 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆپ ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا لىكېستىر شەھىرى كوماندىسى ھازىر ئىككىنچى ئورۇندىكى ئارسېنال كوماندىسىدىن بەش نۇمۇر ئېشىپ كەتتى. (مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىدىن ئالتە نۇمۇر) بۇ مۇسابىقە ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن ئىككىنچىلىكنى تالىشىش جېڭى بولۇپ قالىدۇ. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدىكى نەتىجىسى ياخشى، ئىلگىرى ئۆز مەيدانىدا مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنى 11 قېتىم يەڭگەن. ئەمما يېقىنقى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئارسېنال كوماندىسى رەقىبىنى پەقەت بىر قېتىملا يەڭگەن. باشقا مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغان.

    مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى يېقىندىن بۇيان ئۇدا تۆت قېتىم مېھمان مەيداندا يېڭىپ باقمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى. ئەگەر بۇ قېتىم يەنە توپ كىرگۈزەلمىسە، ئۇ چاغدا 2006-يىلى 2-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇدا تۆت قېتىم مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزەلمەسلىك نەتىجىسىنى يارىتىدۇ.  مەشقاۋۇل ۋېنگېر بۇ مۇسابىقىدە ئاساسلىق جىرۇد بىلەن مەسئۇت ئۆزىلگە تايىنىدۇ. مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى بۇ پەسىل قالتىس بولدى. ھازىرغا قەدەر 13 ياردەمچى پاس چىقىرىپ بولدى. فرانسىيەلىك ھۇجۇمچى جىرۇدنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس، ئۇ 12 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزدى. قىززىق نۇقتىلىق بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ......



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
 تېررىنىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشى تېخىچە تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى كۈنى چېلسى ئورگان تورىدا تېررى بىلەن توختام ئۇزارتماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، چېلسى كاپىتانىمۇ تۈنۈگۈن دەرۋەقە بىر نۇسخا يېڭى توختام بارلىقىنى ئېتىرا...
16-05-2016
 سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چولپانلار ئېففېكتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، فىلورېنتىنو بەلكىم ياخشى رەئىس بولۇشى مۇمكىن. ئەمما نەتىجىدىن قارىغاندا، فىلورېنتىنونىڭ ئىپادىسى كىشىنى قىلچىمۇ رازى قىلمايدۇ. «ئاس گېزىتى» نىڭ بۈگۈن كۆرسىتىشىچە،...
16-05-2016
يېقىندا برازىلىيە پۇتبول چولپىنى پېلى «ئاۋانگارت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مېسسىغا بولغان باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، مېسسى ئۆتكەن 10 يىلدىكى ئەڭ قالتىس توپچى ئىكەن، ئەمما مېسسى ئارگېنتىنا تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ...
15-05-2016
 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىلىرى ئاياغلاشتى، بايرېن مىيۇنخېن توپچىسى لېۋاندوۋىسكى بۇ پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالدى. گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىس...
15-05-2016
  2016-يىلى 14-ماي كەچ، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21:00 دە، 2016-2015-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 38-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقە ئوينالدى. مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا لاكورۇنا بىلەن رىقابەتلەشتى. 90 مى...
15-05-2016
   5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 9:00 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە بارسېلونا مېھمان مەيداندا گىرانادا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا بارسېلونا 0:3 نەتىجە ...
14-05-2016
  5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار قاپقىچىسى ئاببىياتى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئا س مىلان كوماندىسى بىلەن رىم كوماندىسى ...
14-05-2016
  2016-يىلى 29-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:45 دا، 2016-2015-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى سان سىرو پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قوشماق مادرىد ...
14-05-2016
 بېيجىڭ ۋاقتى 14-ماي سەھەردە، ئۇراگۋاي بۇ يىل يازدا يۈز يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىككە سۇئارېز ۋە كاۋانى باشلامچى ماھىر سۈپىتىدە تاللانغان.    ب...
14-05-2016
2016-يىلى 13-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 8:30 دە، 2016-2015 يىللىق NBA پەسىلدىن كېيىنكى غەربىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ 6- ئۇچرىشىشى ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چاقماق كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تاقا كوماندىسىنى 99-113 نومۇر بىلەن مەغلۇپ قىلىپ،...
Powered by Leglek