قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايدىكى سانائەت ئىقتىسادى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ياسىمىچىلىق، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى.
ئىگىلىشىمچە، قۇمۇل شەھىرىدىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايدا ياراتقان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 6 مىليارد 542 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.6 ئاشقان. يارىتىلغان ئومۇمىي قوشۇلما قىممەت 2 مىليارد 77 مىليون يۈەنگە، ئېشىش نىسبىتى %30.6 يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 968 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84.3 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان قوشۇلما قىممەتنىڭ %46.6 ىنى ئىگىلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved