جۇڭگونىڭ 11- ئايدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىپ، كىشىلەردە بېيجىڭنىڭ كاپىتالنىڭ سىرىتقا ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى كونترول قىلالماسلىقىدىن قورقۇش ئەندىشىسى پەيدا قىلدى.
ئامېرىكا ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 10- ئايدا قىسقا مەزگىل كۆپەيگەندىن كېيىن يەنە ئازىيىپ كېتىشى، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاسىتلىشىدىن ئەندىشە قىلىش كەيپىياتىنىڭ كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىغا قايتىدىن تۈرۈتكە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان جۇڭگو ئىنتايىن قاتتىق كاپىتالنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved