3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا فىلادېلفىيە فېدېراتسىيە رەئىسى خاكىر (Patrick Harker) مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈم يېتىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولغان ئوت كۈچى ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ھەپتە 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئىقتىسادقا بولغان مۆلچەر تۆۋەنلىتىلدى، چۈنكى چەتئەل ۋەزىيىتى ۋە يىل بېشىدىكى بازارنىڭ تەۋرىنىشى خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى.بۇنىڭغا ئاساسەن خاكىر مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسەت بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئېشىش ئېنىقسىزلىقىنى مەركەز قىلغان ھالىدا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ئىختىلاپنىڭ ئاچقۇچى. خاكىر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەڭ ياخشى پۇل سىياسىتىگە نىسبەتەن بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرى يوق دېيەرلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ، پۇل سىياسىتىنىڭ رولى ناھايىتى چەكلىك بولدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved