كىشىلىك ھاياتتا ھەمىشە بىر قىسىم ئوسال دەقىقىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىغان گەپ، لېكىن بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، دەل مۇشۇ دەقىقىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنىشى.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، زىمبابۋې خارارې، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابې ئافرىقا قىتئەسى ئىتتىپاقى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ قايقاندىن كېيىن، قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە لوندون، خان جەمەتى ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنى يۈرۈش قىلىۋاتقاندا، بىر كانايچى ئەسكەر ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىسپانىيە مادرىد، بايرام مەزگىلىدىكى بۇقا بىلەن ئېلىشىش نومۇر كۆرسىتىش پائالىيىتىدە بىر پېرۇلۇق ماھىرنى بۇقا يقىتىۋەتكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى، ھىندىستان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، يەر يۈزىدىكى ماي ئېرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، روسىيە موسكىۋا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. بۇ چاغدا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپىنىڭ تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ چاغدا روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتىنى ئۇنىڭغا بەرگەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىۋىتسارىيە بېرن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند شىۋىتسارىيەگە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتكە بارغان. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا بىر ئەسكەرنىڭ تەن ساپاسى ئاجىز بولغاچقا يىقىلىپ چۈشكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىسپانىيە Denia «بۇقا چاپتۇرۇپ دېڭىزغا كىرىش»نومۇرى ئورۇنلىغان. بۇ نومۇرنىڭ ئادەتتىكى بايراملاردىكى بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇقا تاكى نومۇر ئورۇنلىغۇچى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرگۈچە داۋام قىلىدىكەن. ئاخىرىدا بۇقىنى كېمە بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقىدىكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەنگىلىيە لوندون، ئايال پادىشاھ مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەسكىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ چۈشكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەنگىلىيە كېنت ۋىلايىتى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا تۇخۇم سۈتلىك تۈرمىلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسى باشلانغان بولۇپ، غەلىتە كىيىنگەن ماھىرلار بىر بىرىگە تۇخۇم سۈتلۈك تۈرمىلىنى ئاتقان. بۇ نەق مەيدان ناھايىتى قىزىپ كەتكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىسپانىيە مادرىد، بۇقا بىلەن ئېلىشىش ماھىرى Antonio Puerta نى بۇقا يىقىتىۋەتكەن كۆرۈنۈش.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەنگىلىيە كېنت، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا تۇخۇم سۈتلۈك تۈرمىلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسى ئېلىپ بېرىلماقتا.
شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىسپانىيە مادرىد، بۇقا بىلەن ئېلىشىش ماھىرى Paco Urena نى بۇقا يىقىتىۋەتكەن كۆرۈنۈش.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved