جۇڭگو ئاخبارات تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بىر يېڭى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قورا-ياراغ سېتىۋېلىپ، زور كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ مەزكۇر رايوندا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپ ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلاتنىڭ 191 نەپەر ئەگەشكۈچىسىنى قولغا ئالغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان مالايسىيا ساقچى ئىدارىسى سىياسى بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى فۇز مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ تەشكىلات ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام دىنى مەزھىپىنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد مۇشادىق.
فۇز يەنە مۇنداق دېگەن: كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى بۇ مەزھەپتىكىلەر نۆۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن قورال سېتىۋېلىپ، قوراللىق تەشكىلاتقا ئايلىنىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى مالايسىيادا قىسىم تەشكىللەش ھەمدە مالايسىيانى مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا كېڭەيتىشتىكى بازىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
ساقچى تەرەپ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 119 ئەگەشكۈچىسىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 58 ئادەم ئالدىنقى ئايدا كۇئالا لومپۇردىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ 58 كىشىنىڭ ئىچىدە يەنە مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بىر باش ۋەزىرى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قوغدىغۇچىسىمۇ بار ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۆزلىرىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى رايون قۇرغانلىقى ھەمدە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل ناھىيە ھاكىمى بارلىقىنى ئيېتقان. ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ يېقىندا بىر تۈركۈم ئوق ئۆتمەس كېيىم ۋە ھەربىي ئۆتۈكلەرنى قولغا چۈشۈرگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved