شىنخۇا تورى 13 - دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلىگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى دۆلىتىمىز ساياھەتچىسى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسى بانكو نەنجىڭ لىنىيەسىدە ئېغىر دەرىجىدە ئەخلاقسىزلىق قىلغان قىلىمىشغا قارىتا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 13 - چىسلا بۇ ئىشنى قول تۇتۇپ تەكشۈردى. ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنى ئىشەنچ خاتىرىسىگە خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 13 - چىسلا كەچتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى : يېقىندا تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە بانكو نەنجىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئەخلاقسىزلىق قىلىپ ئېغىر دەرىجىدە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نۇرمال تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىپ ئايروپىلاننىڭ يېرىم يولدا قايتىپ كىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ساياھەتچىگە جەرىمانە قويۇپ كىلىپ چىققان زىياننى تۆلەش جازاسى بىرىلدى . بۇ قېتىمقى ۋەقە بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ قىلمىشى بولسىمۇ لېكىن ئېغىر دەرىجىدە دۆلىتمىزنىڭ پۇقراسنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان .
ئىگىلىنىشچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تېزدىن ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ قانۇنغا ئىخلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغان . جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى ساياھەت تارماقلىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئومۇمىيۈزلۈك ئاشكارىلاش ئېلىپ بېرىپ . ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەخلاق تەربىيسنى ياخشى ئىشلەپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنى كۈچەيتىپ ، ھەرقايسى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ساياھەت يىتەكچىسنىڭ يىتەكلەش سەۋىيىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى . بۇ ئىشقا چېتىشلىق بولغان ساياھەت ئۆمىكىگە مۇشۇ كەسپتكىلەرگە ئاشكارلاش ھەم قاتتىق تۈزەش بۇيرۇقنى چۈشۈردى . بۇ ئىشقا چېتىشلىق ساياھەتچىنىڭ قىلمىشنى سەخىس ئىشەنچ خاتىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ساياھەت يىتەكچىلكىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى ، ھەر قايسى ئىنچىكە نۇقتىلاردا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن بويسۇنۇشقا تىگىشلىك قانۇننى ، ئەخلاقلىق ساياھەت قىلىشنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved