تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرىشى زۆرۈر

 

msnساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.تاماكا چېكىش يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ نوقۇل تاماكا چەككۈچىگە قارىتىلىپلا قالماستىن، تاماكا چەكمەيدىغان، ئەمما باشقىلار چەككەن تاماكىدا ئىسلانغانلارغىمۇ قارىتىلىدۇ. ئىسلىنىش جىددىي خاراكتېرلىك تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ، ئىسلىنىش ۋاقتى قىسقا بولغان تەقدىردىمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپى ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدۇ.

 

بۇ بىيولوگىيە ئىلمىدا ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. باشقىلار چەككەن تاماكىدىن چىققان ئىسنىڭ تەركىبىدىكى بىرنەچچە خىل تەركىب ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك قان تومۇرنىڭ زەھەرلىنىشى، يۈرەك، قان ۋە قان تومۇرنىڭ نورمال ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇردا كاشىلا يۈز بېرىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىسلىنىش يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، قايتا قوزغىلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ.

 

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەككە دېققەت قىلغاندىن سىرت، ئەڭ ياخشىسى تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلىشى كېرەك ئىكەن. مۇتەخەسىسىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ھاراق ئىچسە بولمايدۇ، ئادەتتىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. قارىسىغا ھەتتا بولۇشىغا ھاراق ئىچكەندە، ئاسانلا كېسەللىك ئەھۋالىنى ناچارلىشىپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بىر قېتىمدا بەك كۆپ ھاراق ئىچكەندە، بىمارنىڭ يۈرەك بېسىمى ئېشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيان يېتىدۇ، شۇنداقلا يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىشىنىڭ پەيدا بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ.

 

ئۇنىڭدىن سىرت، ھاراق ئىچكەندە ئاسانلا قاندىكى ماي ماددىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يېتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسەللىكىنى ئېغىرلىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇمكى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەريان، بىمارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتى، ياغ تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى يىيىش ، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسەللىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر يۈتكۈزىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلىشى، شۇنداقلا داۋالاش ئۇسۇلى چوقۇم ئېنىق دېئاگنوز ئاساسىدا يۈرگۈزىلىشى لازىمكەن.

تاجىسىمان يۈرەك كېكسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلانغان كىشىلەر، ئاكتىپ ھالدا ئېلېكترو كاردىئوگرامما، ئۇلترا ئاۋازلىق يۈرەك ھەرىكىتى دىئاگرامما تەكشۈرىشى شۇنداقلا باشقا تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇشى، ناۋادا نورمالسىزلىق كۆرۈنسە، ئىچكىرىلىگەن قەدەمدە تاجىسىمان تومۇر رادىئوگرافىيەسى قىلدۇرۇشى لازىمكەن.تاجىسىمان تومۇر رادىئوگرافىيەسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دېئاگنوز قويۇشتىكى بىر خىل كۆپ كۆرىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، بۇ نىسبەتەن بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولغان دېئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى، ئۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دېئاگنوز قويۇشتىكى "ئالتۇن ئۆلچەم" دەپ قارىلىپ كەلگەن.

ئىسلىنىش دېگەندە ئىككى خىل ئىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ ، بىر خىلى ، تاماكا چەككۈچى چىقارغان ئىس بولۇپ ، ئاساسىي ئىس دەپ ئاتىلىدۇ ، يەنە بىر خىلى ، تاماكا كۆيگەندە پەيدا بولغان ئىس بولۇپ قوشۇمچە ئىس دەپ ئاتىلىدۇ . تاماكا چەكمىگەن كىشى قايسى خىل ئىسنى سۈمۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلانغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تاماكا چېكىش تاماكا چەككۈچىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن باشقىلارغىمۇ زىيانلىق . ئىسلىنىش نۇرغۇن ساغلام كىشىلەرنى تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئىسلانغاندا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى، راك، نەپەس يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ؛ بالىلاردا زىققا كۈچىيىپ، ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار، ياش – ئۆسمۈرلەر تەسۋىرلىگۈسىز زىيانغا ئۇچرايدۇ.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
23-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek