جاھان ئاگېنتلىقى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ھۇسىيلەر، ئەدەننىڭ مەركىزى مۇئاللا بازىرىغا قەدەر يىتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن ئەدەندىكى پرېزىدېنت سارىيىدىن چېكىندى. ھۇسىي قۇراللىقلىرى بىلەن سابىق پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھقا قاراشلىق قۇراللىقلار ئەدەننى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەردە قۇراللىق تۇقۇنۇش مۇئاللا رايۇنىدا دەرىجىدە زورايدى. يەرلىك خەلق قۇراللىقلىرى كىچە بويى مۇئاللا بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.
كرەتەر بازىرىدا ھۇسىيلەرنىڭ ئولتۇراق ئورۇنلارغا ئوق ئېتىشى نەتىجىسىدە ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ساقچى دائىرىلىرى ۋە يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇسىيلەر ئەدەن رايۇنىنىڭ ئەل مائاشىق رايۇنىدىكى پرېزىدېنت سارىيىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن پرېزىدېنت سارىيىدىن چېكىندى. بۇ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھۇسىي قۇراللىقلىرىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.
يەمەندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسى تارمىقى بولغان «ئىسلاھ پارتىيىسى» تۇنجى قېتىم «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پارتىيە تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «قانۇنلۇق پرېزىدېنت ھادى، ھۇسىيلەرنىڭ دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىنى كونترول قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ھەرىكەتنىڭ يەمەننى ھۇسيلەر ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن كېلىپ چىققان كىرزىستىن قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن نەتىجىلىرىنىڭ مەسئۇليتى بۇ قىسىملارغا ئائىتتۇر. ھادىنىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاپ بېرىپ ياردەم بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق دۆلەتلىرىگە رەھمەت، ھۆرمەت ۋە ياردىمىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved