2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 10 نەپەر «داڭلىق» شەخس

001  مۇستەبىت مەلئۇن ـــ مۇسسۇلىن

    بېنىتو مۇسسۇلىن، ئىتالىيەدىكى فاشىستلار پارتىيەسىنىڭ ئاتامانى، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى، ئىتالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپىرىيە مارشالى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۈچ چوڭ باش جىنايەتچىنىڭ بىرى، فاشىزمنىڭ بەرپاچىسى، 1940-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە كىرگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇب بولغان، كېيىن قولغا ئېلىنىپ، ھىتلېر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان. قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا پارتىزانلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئېتىپ تاشلانغان.

002  ئۇرۇش ئالۋاستىسى ـــ ھىتلېر

   ئادولوف ھىتلېر، فاشىستىك گېرمانىيەنىڭ دۆلەت باشلىقى، گېرمانىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قەھرىمانى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۈچ چوڭ باش جىنايەتچىنىڭ بىرى، 1939-يىلى 9-ئايدا پولشاغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان، ئەنگلىيە گېرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغان. گېرمانىيە يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغان، ئاخىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا زەربىگە ئۇچراپ، 1945-يىلى گېرمانىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان. ھىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

003  كۈچلۈك ئەيىبلەنگۈچى ـــ چامبېرلېن

   ئارتور نىۋىل چامبېرلېن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە شەخس، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا «مىيۇنخېن كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، چېخوسلوۋاكىيەنىڭ مەنپەئەتىنى سېتىۋەتكەن. گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقىتتا، ئەنگلىيە-فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ئېلان قىلىپ قويۇپ جەڭگە چىقمىغان بولغاچقا، تارىختا «غەلىتە ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان. 1940-يىلى خامپشىردا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

004  ئۆمۈرلۈك جىنايەتچى ـــ گورلىن

     ھېرمان ۋىليام گورلىن، ناتسىت گېرمانىيەسىنىڭ بىردىنبىر ئىمپىرىيە مارشالى (ئالتە يۇلتۇزلۇق)، ناتسىتلار پارتىيەسىدىكى 2-نومۇرلۇق شەخس، ئۇ ھەم فاشىستلارنىڭ باشلىقى ھەم ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى. گورلىننىڭ ھاۋا ئارمىيەسى پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئېنگلاند ھاۋا ئۇرۇشىدا خاتالاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

005  تەشۋىقات ماھىرى ـــ گوببىلىس

   پائۇل جوسېپ گوببلىس، گېرمانىيە  ناتسىتلار پاتىيەسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «ھىتلېرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئادەم» دەپ قارالغان. ئۇستا نەيرەڭۋازلىق ئارقىلىق ھىتلېر ھاكىمىيىتىنى قوغدىغان ھەمدە ئۈچىنچى ئېمپىرىيە تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالغان. ئاخىرىدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. «مايكول» ناملىق داڭلىق ھېكايىسى بار. 1945-يىلى گوببىلىس پارتىيە مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىمىغا ئۆزىنى

ئاتقۇزىۋەتكەن.

 


006  قەبىھ جاللات ـــ ھىملې

   ھېنرى لۇتپولد ھىملې، گېرمانىيە ناتسىتلار پارتىيەسى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، گېستاپوچىلارنىڭ باشلىقى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپلىگەن يوقىتىش لاگىرىنى قۇرۇپ، يەھۇدىيلار، كوممۇنىستلار، رۇملۇقلار قاتارلىقلارنى قىرغىن قىلغان. تارىختىكى ئەڭ چوڭ جاللات دەپ ئاتالغان، 1945-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە تەسلىپ بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

007  كىم باھالايدۇ ـــ جاڭ جىيېشى

   جاڭ جىيېشى، ئىسمى جۇڭجېڭ، تەخەللۇسى جيېشى، جۇڭگو گومىنداڭنىڭ رەھبىرى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى. شىئەن ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىگە مەجبۇرىي ئىمزا قويغان. 1941-يىلى بىر تەرەپتىن ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1942-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ بىرمىغا ياردەم بەرگەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1975-يىلى تەيۋەندە ۋاپات بولغان.

008  گۇاڭشى قەھرىمانى ـــ لى زۇڭرېن

   گېنىرال، تەخەللۇسى دېلىن، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 1-دەرىجىلىك گېنىرالى، 1938-يىلى شۈجۇدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان، تەيئېرجۇاڭدىكى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، كېيىن يەنە ۋۇخەن غەل قىلغۇچ جېڭى، سۈيزاۋ ھەل قىلغۇچ جېڭى، يۈنەن ھەل قىلغۇچ جېڭىگە قاتناشقان. تۆھپىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك. 1949-يىلى ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەن، 1965-يىلى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ،  جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، 1969-يىلى ۋاپات بولغان.

009  مىسلىسىز پاجىئە ـــ ئىۋانى ماتسۈي

   ئىۋانى ماتسۈي، ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنىرالى. 1937-يىلى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغۇچى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ قوماندانى قوشۇمچە شاڭخەيگە ئەۋەتىلگەن ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1937-يىلى 11-ئايدا شاڭخەينى ئىشغال قىلغان. 12-ئايدا نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىسلىسىز پاجىئە، دۇنيانى تىترەتكەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلغان. 1948-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.

010  مىللىي مۇناپىق ـــ ۋاڭ جىڭۋېي

    ۋاڭ جاۋمىڭ، يەنە بىر ئىسمى جىۋېي، تەخەللۇسى جىڭۋېي، جۇڭگودىكى  ئەڭ چوڭ ساتقىن، قورچاق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشلىقى. 1939-يىلى ياپونىيەگە بېرىپ، ياپونىيەنىڭ ھوقۇق تۇتقۇچىلىرى بىلەن بىۋاستە دۆلەتنى سېتىش سودىسى قىلغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قورچاق گومىنداڭ قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى ئېلان قىلغان، دۆلەت زېمىنى ساتقان. 1944-يىلى ياپونىيەنىڭ ناگويادا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.



خەتكۈچلەر:
15-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek