ئامېرىكا پەن تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى-Engadget نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹ ECHO جىددىي قۇتقۇزۇش پەرىشتىسى› ناملىق بىر خىل مىكرو يانفون نۆۋەتتە توردا مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ يانفون رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈتۈۋاتقانكەن. ئېيتىلىشىچە، ECHO ناملىق بۇ مىكرو يانفوننىڭ ئۈستىدە بىر تال جىددىي قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسى بار بولۇپ، ناۋادا ئابۇنتلار بىرەر كېلىشمەسلىك ياكى خېيىم-خەتەرگە يولۇقسا، دەرھال بۇ كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىگە جىددىي ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدىكەن.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم، بانكا قاتارلىق ئورگانلاردا جىددىي قۇتۇلدۇرۇش مەخپىي كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىرەر جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كىشىلەر بۇ كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالى ئەۋەتەلەيدۇ. ECHO ناملىق بۇ مىكرو يانفونمۇ دەل مۇشۇ خىل خىزمەت پرىنسىپىغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پەقەت جىددىي قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان مىكرو تىپلىق يانفوندىن ئىبارەت خالاس. ئابۇنتلار ئادەتتە ECHO ناملىق بۇ مىكرو يانفوننى ئاچقۇچ يىپىغا ئېسىۋالسا بولىدىغان بولۇپ، زۆرۈر چاغلاردا تېلېفون ئۇرۇش ياكى ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە ECHO ناملىق مىكرو يانفوننى تەتقىق قىلىپ ئېچىش گۇرۇپپىسى مەبلەغ توپلاش تور بېكىتى-Indiegogo دە مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە ئۈچۈن 5000 ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدىكەن. ECHO مىكرو يانفونى تەتقىق قىلىپ ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ Indiegogo تورىدا تونۇشتۇرۇشىچە، ناۋادا ئابۇنتلار بىرەر كېلىشمەسلىك ياكى جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ قالسا، پەقەت قولىدىكى ECHO مىكرو يانفونىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويسىلا، ئۇنداقتا بۇ يانفون ئاپتوماتىك ھالدا شىركەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ياكى ئابۇنتلار ئىلگىرى مەزكۇر ئۈسكۈنىگە قاچىلاپ قويغان باشقا ئالاقىلىشىش ئادەملىرى (دوست-بۇرادەر، تورداش، ئائىلە-تاۋاپىئات دېگەندەك) گە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئابونىتنىڭ تېز سۈرئەتتە خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلالايدىكەن.
ئابۇنتلار ئادەتتە بۇ ئۈسكۈنىگە ئۆزىنىڭ تېلېفوندىكى ئالاقىلىشىدىغان كىشىلەر ياكى ئېلخەت ساندۇقىدىكى ئالاقىلىشىدىغان ئادەملەر ھەتتاكى Facebook تورىدىكى تورداشلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى كىرگۈزەلەيدىغان بولۇپ، ئابۇنتلار بىرەر جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويسىلا دەرھال يۇقىرىقى ئالاقىلىشىش ئادەملىرىگە جىددىي قۇتۇلدۇرۇش قىسقا ئۇچۇرى ئەۋەتەلەيدىكەن.
ECHO مىكرو يانفونىغا 7-نومۇرلۇق باتارېيە سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئابۇنتلار ئادەتتە پەقەت جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا ئىشلەتسە، ئۇنىڭ باتارېيىسىنىڭ توكى 7 يىل ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن. ناۋادا ئابۇنتلار بۇ مىكرو يانفوننى تېلېفون ئۇرۇشقا ئىشلەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ باتارېيىسىنىڭ توكى 5 سائەت سۆزلىشىشكە يېتىدىكەن. ECHO مىكرو يانفونىنىڭ Indiegogo تورىدىكى سېتىلىش باھاسى 144 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ مىكرو يانفون ئۈسكۈنىسى بۇ يىل 12-ئايلاردا سېتىلىشنى باشلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved