27 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىر يىغىن زالىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيەگە ئالاقىدار زات ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە قاتناشقان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ نىڭشېڭ، يازغۇچى ۋاڭ مېڭ، ۋاسكىتبول چولپىنى ياۋ مىڭ، ئارتىس چېن داۋمىڭ قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 90 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنت ۋەكىل ۋاڭ رۇيشۈ تولىمۇ يۇمران كۆرۈنەتتى، لېكىن ئۇ پەقەت ھودۇقمىدى.
ۋاڭ رۇيشۈنىڭ گۇاڭجۇ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگىنىگە ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا گۇاڭجۇ جيۇۋېي ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، شۇنداقلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك پەرىشتىلەر مەبلىغى ۋە 10 مىليون يۈەنلىك A دەرىجىلىك مەبلەغگە ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن شىركەت مۆلچەر قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. لېكىن بۇ ياش باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىلگىرى بىر تور مەستانىسى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، كېيىنكى ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۇ ئۆگىنىش ۋە كەسىپ جەھەتتە قوش يېڭىشنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ تور مەستانىسى بولغان ۋاقتىدىن تاكى ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنت قاتارىدا زۇڭلى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگىچە بولغان جەريانىدىن بىر ‹‹رىغبەتلەندۈرۈش رومانى›› پۈتۈپ چىقىدۇ. (لىن جيې فوتوسى)
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved